تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 06.10.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 06.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساباھ گېزىتى، «بۇ ھەۋەستىن ۋاز كېچىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراندىن قايتىش ئەسناسىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئېلىپ بارغان قانۇنسىز مۇستەقىللىق سايلىمى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇ قانۇنسىز سايلامغا ئىشىك ئاچقانلار، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ بەدىلىنىمۇ چوقۇم ئۆتەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ياخشى بىلمەيدۇ. بارزانى بۇ ھەۋەستىن ۋاز كېچىدۇ» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «يېڭى تاكتېكا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مۇغلادا بۇ قېتىم تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلۈپ، 7 ئەزاسى تېرىك قولغا چۈشۈرۈلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لازىقىيە شەھىرى ئارقىلىق ئەگە دېڭىزىغا ۋە ئاق دېڭىزغا سوقۇنۇپ كىرىشكە تىرىشقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىچكى ئىسلار مىنىستىرى سۇلايمان سۆيلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاخىرىقى چارە سۈپىتىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىن، ئىراندىن ۋە ئافرىندىن سوقۇنۇپ كىرىشكە تىرىشىپ باققاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە باشقا يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سىتار گېزىتى، «ئاراكان ئۆلمەكتە، دۇنيا جامائەتچىلىكى قەيەردە؟»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت ئىشلىرى مىنىستىرى فاتىمە بەتۈل سايان كايا، ئاراكانلىقلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاياللار ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. فاتىمە بەتۈل سايان كايا پۈتۈن دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، زۇلۇم ۋە بېسىملارنى، گۇناھسىز ئاياللارنىڭ ۋە كىچىك بالىلارنىڭ چېكىۋاتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى تاماششا قىلىپ تۇرۇپ ھېچ كىشى مەدەنىيەتنى داۋا قىلمىسۇن. دۇنيا جامائەتچىلىكى زۇلۇمغا كۆر، گاس، گاچا بولۇۋالسىمۇ تۈركىيە ئۇ يەردىكى مەزلۇملارغا ياردەم قولىنى سوزۈشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «گارمۇن ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

بالىلارنى ئاسراش مەركىزىدە چوڭ بولغان مەرۋە باشئوغلۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىدىكى گارمۇننى كۆرگەندە گامۇننى ئىنتايىن ياقتۇۇپ قالدى ۋە چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى نەي – گارمۇن فاكۇلتېتۇتىدا ئوقۇشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردىن بىرسى ھسابلىنىدىغان فىرانسىيە نايس سەنئەت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. مەرۋەنىڭ مەكتەپ چىقىملىرى ئۈچۈن ئەمىنە ئەردوغان بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت ئىشلىرى مىنىستىرى فاتىمە بەتۈل سايان كايا ھەرىكەتكە ئۆتتى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «بىردىن بىر يول غالىبىيەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

دۆلەتلىك ئا مىللىي كوماندىمىز «بىردىن بىر يول غالىبىيەت» شۇئارى بىلەن 2018 – يىللى رۇسىيەدە ئىرلاندىيە كوماندىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ. مۇسابىقىغا پولشا پۇتبول فېدېراتسىيەسىدىن سىزىيمون ماركىناك رېپىرلىك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر