ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى جازالىشى (2)

ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارمىيە ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ھە دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى جازالىشى (2)

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى جازالىشى (2)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  سېنىڭ بىز بىلەن قىلغان بەس – مۇنازىرەڭ يېتىپ ئاشتى، سەن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، بۇ كەڭ زېمىندا ۋەزخانلىقىڭ بىلەن يورغىلاپ يۈرىسەن، ھەدېسىلا بىزنى ئەيىبلەيسەن، قارىغاندا، سېنى زىندانغا تاشلىساق، ياكى بولمىسا يىراق جايغا پالىۋەتسەك بولغۇدەك.

دېگەندەك، ئارمىيە ئەلەيھىسسالام زىندانغا تاشلاندى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىل ئوغۇللىرى شەرق تەرەپتىن ئاسمان – پەلەك چاڭ – توزان كۆتۈرۈلۈپ، كۈننى توسۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چاڭ – توزان بارسانسېرى قويۇقلىشىپ، پۈتكۈل يەر – جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتتى. چاڭ - توزان تارقالغاندىن كېيىن يىراقتىن بىر پالۋان كۆرۈندى. ئىسرائىل ئوغۇللىرى ھە دەپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ پالۋاننى كۆرۈپ، ئالاقزادىلىك ئىچىدە جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكىلا مەجبۇر بولدى.

بۇ پالۋان بابىلدىن كەلگەن بۇختەننەسىر بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى ئىسرائىل ئوغۇللىرىنى يوقىتىش ئىدى. ئۇلار ئەمر – پەرمانلىرىغا بويسۇنماي ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا بۇختۇننەسىرنى ئىنتىقام ئېلىشقا  ئەۋەتكەنىدى.

ئۇلار بىر - بىرىگە: «ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرارمىز؟ ئۇنى قانداق يېڭەلەرمىز، ئ.ارمىيە بىزنى ئاگاھلاندۇرغان جازا مۇشۇ ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بېشىمىزغا چوڭ بالايىئاپەت كەپتۇ!» دېيىشتى.

ئۇلار تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى ئويلاپ بولغۇچە، بۇختۇننەسىر ئۇرۇشنى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغانىدى. مانا ئەمدى ئۇلار ھەقىقەتتىن ئاداشقاننىڭ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىكنىڭ ۋە پەيغەمبىرى ئارمىيە ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، قالايمىقان جۆيلۈگەننىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندى.

بۇختۇننەسىر شەھەرنى خاراب، ئۆي – ئىمارەتلەرنى ۋەيران،  بارلىق ئوردا – سارايلارنى ۋەيران قىلدى، يول ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى پۈتۈنلەي بۇزۇۋەتتى. شەھەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى.

بۇختۇننەسىر قۇددۇسنى خاراب قىلىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى تاۋاپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى. كىشىلەر قەتل قىلىندى ياكى باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلىندى. ھەممە ياق قورقۇنۇچلۇق خارابىلىككە ۋە چۆل – جەزىرىگە ئايلىنىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر