چومۇلاڭما چوققىسىغا يالغاندىن چىققان ئەر-ئايال جازاغا ئۇچرىدى

چومۇلاڭما چوققىسىغا چىققان تۇنجى ھىندىستانلىق ئەر-ئايال ئىكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ساقچىلارنىڭ تارقاتقان رەسىملىرى يالغان بولۇپ چىقتى.

چومۇلاڭما چوققىسىغا يالغاندىن چىققان ئەر-ئايال جازاغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا ئالدىنقى يىلى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان چومۇلاڭما چوققىسىغا چىققان تۇنجى ھىندىستانلىق ئەر-ئايال» دەپ يالغان ئېيتقان ساقچى مەمۇرلىرى ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلاندى.

دىنېش ۋە تاراكېشۋارى ناملىق ئەر-ئايالنىڭ ئالدىنقى يىلى 23–مايدا خىتاي بىلەن نېپال چېگراسىغا جايلاشقان چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ يەر يۈزىدىن 8850 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمىغا يېتىپ بارالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 

ماھاراشتىرا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى، چومۇلاڭما چوققىسىغا ياماشقان باشقا تاغ تەنتەربىيەچىلىرى بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشلىرىنى تاماملاپ، دىنېش ۋە تاراكېشۋارى ناملىق ئەر–ئايال ھەمبەھىرلەشكەن فوتو-سۈرەتلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يالغان سۆزلىگەن 2 ساقچىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

ساقچى ئىدارىسى مەسئۇلى ساھېبرو پاتىل «PTI» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەر-ئايالنىڭ يالغان مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكىنى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر 2 ساقچى مەمۇرىنىڭ 23-ماي كۈنى چومۇلاڭما چوققىسىغا يېتىپ بارالىغان تۇنجى ھىندىستانلىق ئەر-ئايال ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇلار چومۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقىغا دائىر رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلەشكەن بولۇپ، بىراق يەنە بىر ھىندىستانلىق تاغ تەنتەربىيەچىسى ساتيارۇپ سىدانتا مەزكۇر ئەر-ئايال ساقچىنىڭ چومۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە ھەمبەھىرلەشكەن رەسىملىرىنىڭ ئۇلارغا ئەمەس، ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نېپال دائىرىلىرى ئەر–ئايالنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئالدىنقى يىلى 10 يىلغىچە تاغ تەنتەربىيەسىگە قاتنىشىشتىن چەكلەش جازاسى بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر