ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار

ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار.

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 35 – 41 - ئايەتلەر. ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئەگەر بۇ ئىككى كىشى بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[35]. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ[36]. ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر ، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى (يەنى پۇل ـ مالنى، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىدۇ، (ئاللاھنىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق[37]. ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن (ئۇ شەيتاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ)، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ![38]. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ)[39]. ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ[40]. بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭ ئىچىدىكى ئىمانسىزلارغا ۋە گۇناھكارلارغا) گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[41].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر