ياپونىيە مەلىكىسى تەختتىن ۋاز كەچتى

ياپونىيە ئىمپېراتورى ئاكىخىتونىڭ 25 ياشلىق نەۋرىسى مەلىكە ماكو يىگىتى ئۈچۈن تەختتىن ۋاز كەچتى.

ياپونىيە مەلىكىسى تەختتىن ۋاز كەچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەلىكە ماكو 2012 – يىلى پايتەخت توكيودىكى خەلقئارا خىرىستىيان دىنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوخشاش يىللىقتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى كېي كومۇرو (25 ياش) بىلەن تونۇشقان بولۇپ، شۇ مەزگىلدە دەرسلىرىنى پات - پات بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توي قىلىش پىلانى بار ئىكەن.

بىراق ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىدە، ئادەتتىكى بىر پۇقرا بىلەن ئۆيلىنىدىغان خان جەمەتى ئەزاسىنىڭ چوقۇم تەختتتىن ۋە ئۇنۋانىدىن ۋاز كېچىشى شەرت ئىكەن.

بۇ ئۆرپ – ئادەتلەردىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان مەلىكە ماكو، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا چاي ئىچۈرۈلۈشكە تەييارلانماقتا ئىكەن، يىگىتى كېي كومۇرو بولسا بىر ئادۋوكاتلىق بىيۇروسىدا ئىشلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كومۇرو چاڭغا تېيىلىش، ئىسكىرىپكا چېىلىش ماھىرى، ئۇستا ئاشپەز بولۇپ، بىر مەزگىل رېستورانلاردا كۈتكۈچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان ئىكەن، ئۇ ساياھەت ساھەسىدىمۇ ئىشلىگەن بولۇپ، ئانىسى ۋە بوۋىسى بىلەن بىرلىكتە يوكوخاما شەھىرىدە ياشايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر