فىرانسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىدىن ئىستانبۇلنى سۈرەتكە ئالدى

فىرانسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى Thomas Pesquet ئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە ئالغان ئىستانبۇلنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ئاممىۋى تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەشتى.

فىرانسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىدىن ئىستانبۇلنى سۈرەتكە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىش  ئورگىنىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىسى Thomas Pesquet ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقى ئالەم بوشلۇقىدىنمۇ مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ. ئىستانبۇلدا دېڭىز بوغۇزلىرى ئارقىلىق قارادېڭىزغا قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا، شەھەر قۇرۇقلۇقتىمۇ، دېڭىزدىمۇ پائال ھەرىكەتتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر