تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش سەپەرۋەرلىكى

داڭلىق پۇتبولچىلارمۇ تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش سەپەرۋەرلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەگە قارىتىلغان خەلقئارالىق سەلبىي پوزىتسىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى، تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار بىرلىكى ھەمكارلىشىپ 27 – مارت كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئېلان سەپەرۋەرلىكىنى پۇتبولچىلارمۇ قوللىماقتا.

ئانتالياسپور كوماندىسىنىڭ سەردارى ئېتوئو بىلەن گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ چولپان ماھىرلىرىدىن پودولسكى بىلەن سنېيجدېر تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش پائالىيىتىگە ھەسسە قوشىدۇ.

تۈركىيەدىكى چەت ئەللىك پۇتبولچىلاردىن نوۋارتىس بىلەن نېستلېمۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. پائالىيەتتە تۈركىيەدىكى 16 خەلقئارالىق شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا قاراشلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئېلان «چەت ئەللىك دوستلىرىمىزنىڭ تىلىدىن  تۈركىيە...» جۈملىسى بىلەن باشلىنىدۇ. ئېلان فىلىملىرى گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن سىرت يەنە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر