مۆئمىن، ئىشەنگەن ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىنساندۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (17)

مۆئمىن، ئىشەنگەن ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىنساندۇر

مۆئمىن، ئىشەنگەن ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىنساندۇر

مۆئمىن، ئىشەنگەن ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىنساندۇر

 

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

الَّذِينَ آمَنُواْ وَلَمْ يَلْبِسُواْ إِيمَانَهُم بِظُلْمٍ أُوْلَئِكَ لَهُمُ الأَمْنُ وَهُم مُّهْتَدُونَ﴿82﴾

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

لاَ إِيمَانَ لِمَنْ لاَ أَمَانَةَ لَهُ، وَلاَ دِينَ لِمَنْ لاَ عَهْدَ لَهُ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەقىقەنمۇ ئازابتىن ئەمىن بولۇش؛ ئىمان ئېيتقان، توغرا يول تاپقان، زۇلۇم قىلىش بىلەن ئىمانىنى بۇلغىمىغان كىشىلەرگىلا مەنسۈپتۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئامەنەتكە رىئايە قىلمىغان كىشىنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولمايدۇ. ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان كىشىمۇ تولۇق مەنىدىن دىندار بولالمايدۇ»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! رەببىمىز كائىناتنى يوقتىن بار قىلغان ھەمدە خاتىرجەملىككە تولغان بىر ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىشى ئۈچۈن مەۋجۇدىيەت دۇنياسىنى ئىنسانلارغا ئامانەت قىلغان.

يۇقىرىقى ئايەتتە خاتىرجەم بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ ئىككى شەرتى بارلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچىسى ئىماندۇر. ئاللاھقا ۋە پەيغەمبرىگە ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ شۇنداقلا مۆئمىن بولماي تۇرۇپ توغرا يولغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئىشەنچلىك ئىنسان بولماي تۇرۇپ، ئىماننىڭ ھەقىقىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئامانلىق بولمىسا ئىمان بولمايدۇ. ئىسلامنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ

خاتىرىجەم بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ ئىككىنچى شەرتى بولسا، ئىمانىمىزنى زۇلۇم قىلىش بىلەن قىلچىلىكمۇ بۇلغاپ قويماسلىق، شىرىككە مېلەپ قويماسلىكتۇر.  ئادالەتنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ناھەقچىلىككە كۆز يۇمماسلىقتۇر. يەر يۈزى، ھايات... ئاللاھنىڭ باشقا بارلىق نېئمەتلىرى ۋە ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئەقىلدىن چىقىرىپ قويماسلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىشەنچ؛ ئېتىقادتىن ئىمان ۋە ئىخلاستىن ئوزۇق ئېلىپ قەلبكە يەرلىشىدۇ. قەلبىمىزدە ئامانلىق شەكىللەنمەي تۇرۇپ، تاشقى جەھەتتىن مەيلى قانچىلىق ئىشەنچىلىك كۆرۈنسەكمۇ، ئۆيلىرىمىزنىڭ، بازارلىرىمىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرالمايمىز. قەلب ئۆيلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى مۇستەھكەملىمەي تۇرۇپ، مەھەللىمىزنىڭ، شەھەرلىرىمىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىيالمايمىز.

مۆئمىن ئالدى بىلەن رەببىگە ئىشىنىدۇ. قانداقلا چاغدا مۇستەھكەم ئىشەنچ مەنبەسى ئىزدىگەندە، ئەمىنلىك ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدىغان ياراتقۇچىسىغا سىغىنىدۇ. ئاندىن بۇ ئىمان سايىسىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تەرەققىي قىلىدۇ. ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنچ بېرىدىغان، دۇرۇس ۋە كۆيۈمچان بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.

ئىمان؛ ئىشەنچتۇر. مۆئمىن؛ ئىشەنگەن ۋە ئىشەنگىلى بولىدىغان ئىنساندۇر. رەببىگە، كىتابىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمىگەن بىر ئىنسان ئۆزىگە قانداقمۇ ئىشىنەلىسۇن؟ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان ئىنسانغا باشقىلار قانداقمۇ ئىشەنىسۇن؟

ئەزىز قېرىنداشلار! بارلىق پەيغەمبەر ئىنسانلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان. ئۇلار يەر يۈزىنى بىر ئىمان دىيارىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇشكىلاتلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋە قىيىن ئېمتىھانلارغا بەرداشلىق بەرگەن. ھەر بىر پەيغەمبەر ئىماننى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز ھاياتىدا ئەمەلىيىتىنى كۆرسەتكەن. «رەببىم سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سېنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاك دەپ مەدھىيەلەيمەن. مەن ھەقىقەتەن نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم»[3] دەپ نىدا قىلغان ھەزرىتى يۈنۈس ئەلەيھىسسالام قاراڭغۇ دېڭىزدا بىلىقنىڭ قورسىقىدىمۇ خاتىرجەم ئىدى.

ئىبراھىم خەلىلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەۋھىد ئۈچۈن ئاتەشكە تاشلانغاندا ئاللاھنىڭ ھىمايىسى ۋە سالامەتلىكى ئىچىدىكى ئامانلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ تېمىنى قوپۇرۇۋاتقان چاغدا «ئى رەببىم! بۇ يەرنى خاتىرىجەم بىر شەھەر قىلغىن»[4] دەپ ئالدى بىلەن رەببىدىن خاتىرجەملىك تىلىگەن ئىدى. ھەزرىتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندا ۋە ئىپپەت – نۇمۇسىغا بۆھتان چاپلانغاندا، دائىم رەببىگە ئىشەنگەن ئىدى. دادىسى ھەزرىتى ياقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن ئانىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىنىدىمۇ، «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن خاتىرجەم ھالدا مىسىرغا كىرىڭلار!»[5] دېگەن ھالدا ئۇلارنى باغرىغا باسقان ئىدى. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ يارىدىمى ۋە مۇھاپىزىتى بىلەن پىرئەۋننىڭ يېنىدا بىخەتەر خاتىرجەم ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى.

قېرىنداشلار! ھاياتىنى تەۋھىد ۋە تەبلىغ يولىدا مۇشەققەتلەرگە كۆكرەك كېرىپ ئۆتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزمۇ ھىجرەت چەريانىدا سەۋر غارىدا ئاللاھنىڭ ئامانلىقىغا سىغىنغان ئىدى. غارنىڭ جىمجىتلىقىدا سادىق دوستى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «قايغۇرما، ئەندىشىلەنمە، چۈنكى ئاللاھ بىز بىلەن بىرگە»[6] دەپ خاتىرجەم بولۇشنى تەلقىن قىلغان ئىدى. ئۇ دەل دوستى، دۇشمىنى، يېقىنى ۋە يېراقتىكىلىرىمۇ ئىشىنىدىغان مۇھەممەدۇل ئەمىن، يەنى ئىشەنچلىك مۇھەممەد ئىدى. قولىدىن، تىلىدىن، پوزىسىيەسىدىن ۋە كۆڭلىدىن ھېچ بىر كىشىگە زىيان يەتمىگەن، دۇرۇست، پاك، كەمتەر ئىنسان ئىدى. مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. پەيغەمبەرلەر زەنجىرىنى ئۈلگە ئېلىش، سۆيۈملۈك پەيغەمبرىمىزنىڭ ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىش، ئامانلىق بەخش ئەتكۈچى پەيغەمبەرنىڭ ئامانلىق بەخش ئەتكۈچى ئۈممىتى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئىشەنچلىك بولۇشنىڭ شەرتى ئىمانغا ۋە رەببىمىزنىڭ ئامانەتلىرىگە ئىگە چىقىشىمىزغا بېرىپ چېتىلىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئامانەتكە خىيانەت قىلسا، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكىمۇ يوقىلىدۇ. ئىنسان ئۆزى ئىشەنچلىك بولغاندا ئائىلىسىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. شەھەرلىرىمۇ ۋە دۆلەتلىرىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. يۈركىمىزدىكى ئىمان  ۋە خاتىرجەملىك كائىنات، تەبىئەت ۋە دۇنيانىڭ خاتىرجەم ماكان بولىشىغا كاپالەت بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرسى بولغان ھىلالنى كۆرگەندە، «ئاللاھىم بۇ ھىلال بىزگە بەرىكەت، ئىمان، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلسۇن»[7] دەپ دۇئا قىلاتتى.

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكىنىڭ قۇتلۇق مۇھىتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئاللاھ بىزنى مۇبارەك مېراج كېچىسىگە يەتكۈزدى. ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كېچىسى مېراج كىچىسى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپتە مەسجىدى ئەقساغا بېرىپ، ئاندىن ساماغا ئۆرلىگەن قۇتلۇق سەپىرىنى خاتىرىلەيمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىردىن باشلاپلا مۇبارەك مېراج كېچەڭلارنى تەبرىكلەيمىز. مېراج كېچىسى بىلەن مەجەسسىملىشىپ كەتكەن قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقىغا ۋەسىلە بولۇشىنى، بىزنىڭمۇ يۈكسىلىشىمىزنىڭ ئۆز نەپىسىمىزدىن باشلانغانچە دولقۇن سىمان پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىشىنى تېلەيمىز. مەسجىدى ئەقسا، قۇددۇس ۋە ئەتراپىنىڭ قايتىدىن تىنچ ئامانلىق دىيارىغا ئايلىنىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خاتىرجەملىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق، زوراۋانلىق، ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئورنىغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن جانابى ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىمىز.  

ئاللاھ بىزلەرگە ھەقىقىي مۆئمىنلەرگە خاس ئەخلاق – پەزىلەت ئاتا قىلسۇن ئامىن! 

 


[1]  سۈرە ئەنئام 82 – ئايەت

[2] ئىبنى ھەنبەل 3 – توم 134 – نومۇرلۇق ھەدىس

[3] سۈرە ئەنبىيا 87 – ئايەت

[4] سۈرە بەقەرە، 129 - ئايەت

[5] سۈرە يۈسۈف 99 - ئايەت

[6] سۈرە تەۋبە 40 ئايەت

[7] تىرمىزى دەۋەت بابى 50 – ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر