ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەت قۇربانى

ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەت قۇربانى: يۈسۈف ئەلەيھىسسالام

ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەت قۇربانى

ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەت قۇربانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئالدىنقى پىروگراممىمىزدا بايان قىلىنغىنىدەك، ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ 12 ئوغلى بار ئىدى. ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرى ئىچىدە يۈسۈفنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى ھەم بەكلا ئەتىۋارلايتتى، ئۇنىڭ يۈسۈفكە بولغان مىھرى - مۇھەببىتى بىلىنىپلا تۇراتتى. بىر كۈنى يۈسۈف ئاجايىپ بىر چۈش كۆردى. چۈشىنى دەرھال ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردى. چۈشىدە ئون بىر يۇلتۇز، قۇياش ۋە ئاي ئۇنىڭ ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغان ئىدى.

 ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئۈستىدە ناھايىتى ئۇزۇن ئويلاندى، ئۇ ئوغلى يۈسۈفكە ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئوغلىنىڭ مەشھۇر شەخس بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا، باشقا ئوغۇللىرىنىڭ ئىچى تارلىق قىلىپ يۈسۈفكە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ  يۈسۈفنى بىر چەتكە تارتىپ مۇنداق دېدى:

_ ئي جان - جىگەر ئوغلۇم! كۆرگەن چۈشۈڭنى ھەرگىز ئاكىلىرىڭلارغا ئېيتمىغىن، چۈنكى سەن ناھايىتى خەيرلىك چۈش كۆرۈپسەن، ناۋادا ئاكىلىرىڭ چۈشۈڭدىن خەۋەر تېپىپ قالسا، شەيتانغا ئەگىشىپ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ سېلىشى مۇمكىن، دېدى.

ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئەنسىرىگەن ئىشلار يۈز بەردى. يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ چۈشىدىن خەۋەر تېپىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى يۈسۈفنى تېخىمۇ قىزغىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەسەت ئوتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار يۈسۈفنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشتى.

ئۇلار پادا باقاتتى، لېكىن بۇ ئىشنى پەقەتلا خالاپ قىلمايتتى، دائىم دېگۈدەك ئاتىسىنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلاتتى، ۋەدىسىدە تۇرمايتتى. ئۇلار ئاتىسىنىڭ يۈسۈفنى ئەتىۋارلىشىنى كۆڭلىگە پەقەتلا سىغدۇرالماي، ھېسسىياتلىرىنى چاندۇرۇپ قويغىلى تۇردى. ئۇلار يۈسۈفنى يوق قىلىشنى ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغانىدى.

 بىر كۈنى ئۇلار ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئىنىسى يۈسۈفنى سىرتقا ئويناتقىلى ئېلىپ چىققۇسى بارلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىگە رۇخسەت بېرىشىنى ئۆتۈنۈشتى. ياقۇب ئەلەيھىسسالام بىر كۈن ئىلگىرى بىر چۈش كۆرگەن ئىدى، چۈشىدە ئون بۆرىنىڭ يۈسۈفنى يېمەكچى بولغانلىقىنى، بىراق بىر بۆرىنىڭ بۇنىڭغا توسالغۇ بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى. بۇ سەۋەبتىن يۈسۈفنىڭ سىرتقا چىقىشىغا كۆڭلى قويمايتتى. شۇڭا ئۇ چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ يۈسۈفكە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەتەي رۇخسەت بەرمەي تۇرۇۋالدى ۋە ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئۆزئارا ئويناپ، يۈسۈفنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بۆرە كېلىپ ئۇنى يېۋەتسە قانداق قىلىسىلەر. بۇنى ئاڭلىغان ئوغۇللىرى دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ:

_ سانىمىز ئىنتايىن كۆپ تۇرسا، بۆرىلەر يېنىمىزغا قانداقمۇ كېلەلىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈفنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرساق، - دېيىشتى. ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە رازى بولمىسىمۇ ئيەنىلا يۈسۈفنى ئۇلارغا قوشۇپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. يۈسۈف شۇ چاغدا 17 ياشقا كىرگەنىدى.

ئۇلار يولغا چىقىشتى، چۆلنىڭ بىر يېرىگە كەلگەندە يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئەپتى - بەشرىسىنى ئاشكارىلاشتى، ئۇلار يۈسۈفنى ئۇرۇشقا باشلىدى، ئارقىدىن يۈسۈفنى كۆتۈرۈپ ئاغزى كىچىك، ئىچى كەڭ بىر قۇدۇققا تاشلىۋەتتى. يۈسۈف قۇدۇقنىڭ ئىچىگە زەخمە يېمەستىن چۈشكەنىدى، قۇدۇقنىڭ تاملىرى تېيىلغاق بولغاچقا يامىشىپ سىرتقا چىقىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا يۈسۈف قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى بىر تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ غەمگە پاتتى، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە باشلىدى، ئۇ جاسارىتىنى قىلچىمۇ يوقىتىپ قويماي ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. دەسلەپ قورققان يۈسۈف كېيىنچە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قورقمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئاللاھ ئۇنىڭدىكى بارلىق غەم - غۇسە ۋە قايغۇلارنى كۆتۈرۈۋەتكەنىدى.

يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، بىر ئۆچكە بوغۇزلاپ، قېنىغا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى چىلاپ ئاتىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا يالغاندىن يىغلامسىراپ كېلىشتى، ئۇلار ناھايىتى قايغۇلۇق ھالدا:

_ ئاتا! يۈسۈفنى بۆرە يەپ كەتتى، - دېيىشتى. يۈسۈفنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ياقۇب ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، يۈسۈفنىڭ ھەسىرىتىدىن كۈنلەرچە كۆزلىرىدىن ياش توختىمىدى.

يۈسۈف ئۈچ كۈندەك قۇدۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ قالدى. يۈسۈفنىڭ ھاممىسىنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى، يۈسۈفنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەندە، ئۇمۇ ئاشۇ مەلئۇنلارنىڭ قېشىدا ئىدى. ئۇ يۈسۈفنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەقەت خالىمايتتى. شۇڭا، يۈسۈف قۇدۇقتىكى چېغىدا قۇدۇقنىڭ قېشىدىن كەتمەي يۈسۈفكە يەيدىغان نەرسە تاشلاپ بەردى.

 ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شامدىن مىسىرغا قاراپ يولغا چىققان بىر كارۋان قۇدۇققا يېقىن بىر جايغا ئارام ئېلىش ئۈچۈن چۈشتى. كارۋاندىكىلەردىن بىرى قۇدۇقتىن سۇ تارتىش ئۈچۈن چېلىكىنى قۇدۇققا تاشلىدى. چېلىكى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، چېلەكنى چىقىرىشقا يالغۇز كۈچى يەتمەي قالدى، شۇنداقتىمۇ كۈچەپ چېلەكنى مىڭ تەسلىكتە چىقاردى، بىراق ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى. چېلەكتە شۇنداق قاملاشقان، نۇر يۈزلۈك ۋە گۈزەل چىھىرلىك بىر يىگىت تۇراتتى.

كارۋاندىكلەر يۈسۈفنى يېنىغا ئېلىپ مىسىرغا ئاپاردى. ئۇلار بۇ قاملاشقان بالىنى باي بىرسىگە كۆپرەك پۇلغا سېتىۋېتىپ پۇل ئۈندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈشتى. ئۇلار يۈسۈفنى قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىشتى. شۇ كۈنى قۇل بازىرىغا مىسىرنىڭ خەزىنە ئىشلىرى نازىرى كۇتفىرمۇ كەلگەنىدى. ئۇ يۈسۈفنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي يۈسۈفنى چاكار قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالدى. كۇتفىر بىغۇبار، ئەدەب - ئەخلاقلىق ۋە ياخشى مىجەزلىك بۇ بالىنى ئايالىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ بالىغا ئوبدان قارىغىن ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلغىن. چۈنكى، ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ياخشى بالىدەك قىلىدۇ، ئۇنى بەلكىم بالا قىلىۋالارمىز.

شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ يۈسۈفنى چەت بىر جايدىكى يېزىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئاۋات بىر شەھەرگە ۋە ئالىي مەنسەبلىك بىرىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر بولغان تەقدىردىمۇ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەمما ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىپ تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇ ئىنسانغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ. ئۇنى قاراڭغۇ قۇدۇقلاردىن قۇتقۇزۇپ خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان گۈزەل يەرلەرگە يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولۇپ، ھېچقانداق ئىش ئۇنىڭغا قىيىن ئەمەس.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالام خوجايىنى كۇتفىرنىڭ سارىيىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاللاھقا شۈكۈر قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

بىر كۈنى كۇتفىرنىڭ ئايالى بىلەن يۈسۈفنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەسىلە كېلىپ چىقتى، ئىسمى زۇلەيخا بولغان بۇ ئايال مەسىلىنى چوڭايتىپ، يۈسۈفنىڭ ئۆزىگە يامان نىيەتتە بولغانلىقىنى ئېيتىپ يۈسۈفكە بوھتان چاپلىدى، بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، ئېرى كۇتفىردىن يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، كۇتفىرمۇ ئايالىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يۈسۈفنى زىندانغا تاشلاتقۇزدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر