ترامپنى شەيتانلاشتۇرغان ئوباما ئەۋلىيامىدى؟

ترامپنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆسۈم تۈزۈمى» گە قارشى چىقىشى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇنى شەيتانلاشتۇرۇشقا باشلىدى.

ترامپنى شەيتانلاشتۇرغان ئوباما ئەۋلىيامىدى؟

ترامپنى شەيتانلاشتۇرغان ئوباما ئەۋلىيامىدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئامېرىكا ۋە «ئەركىن» دۇنيا جامائەتچىلىكى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. كوچىغا چىققان ئامېرىكا خەلقى دىنىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغىلى ئاز قالدى.

تۈركىيەلىكلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تەلۋىلىككە بېرىپ يەتكەن بۇنداق دۈشمەنلىكلەرگە كۆنۈك ئەمەسمىز. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يېڭى تۈركىيەنى قۇرۇپ چىققان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارشى ئەقىلگە سىغمايدىغان دۈشمەنلىكنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.

ئەردوغاندىن بۇرۇن تۈركىيەدە ئىنسانلار دوختۇرلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئۆلچەمگە لايىق ئاسفالىتلىق يول تاپالمايتتى.

ئەردوغان تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن دۆلىتىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قۇدرەت تاپقۇزدى. سەھىيە ساھەسىدە تۈركىيەنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار دۆلەتكە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە دۆلىىتمىزدە تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھەقسىز سەھىيە خىزمەتلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە. ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانى 60 ئەتراپىدا ئىدى، ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن 100 دىن ئاشتى. ئەردوغان دەۋرىدە مەكتەپلىشىش نىسبىتى زامانىۋى تۈرك تارىخىنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى.

ئەردوغان دېموكراتىكلىشىش مەسىلىسىدە ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدىغان ئىشلارنى روياپقا چىقاردى. ئەردوغاندىن ئىلگىرى تۈركىيەدە كورد ئىبارىسىنى ئىشلىتىش مەنئىي قىلىناتتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كورد تىلىدا دەرس ئوقۇتۇلىدىغان بولدى. كورد يېزىلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا بۇرۇنقى ئىسىملىرى قويۇلماقتا. كوردلار ھەم يەرلىك مەجلىسلەردە ھەم دۆلەت مەجلىسىدە تەمسىل قىلىنماقتا.

ئۆز خەلقىگە ئەنە شۇنداق باياشات ياشاش شارائىتى ۋە دېموكراتىك زېمىن يارىتىپ بەرگەن ئەردوغانغا قارشى ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە دۈشمەنلىك يارىتىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايتى روشەن. تۈرك رەھبەر ئەردوغان 1945 – يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا تۈزۈمىگە ئىسيان كۆتۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقئارا جاھانگىرلىك تۈزۈمى بولغان «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆسۈم تۈزۈمى» گە قارشى چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەردوغانغا دۈشمەن بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلەر ئىدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىتىلغان تەتۈر تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئەردوغان ۋە ئىسلاھاتلىرىغا قارشى جىددىي دۈشمەنلىك مىخانىزمى شەكىللەندۈرۈلدى. ئەردوغان ۋە ھەيئىتى تولىمۇ ئەپسۇسكى بۇ تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرەشتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر گۇناھى ئۆز دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى ئىدى.

ئامېرىكىمۇ نۆۋەتتە ئەنە شۇنداق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ دۆلىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ باجلىرىغا ساھىب چىقىدىغانلىقىنى، بۇنى ئۆسۈم ۋە ئۇرۇش لوبىسىغا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپنىڭ «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆسۈم تۈزۈمى» گە قارشى چىقىشى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئۇنى شەيتانلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، يەنە رەسمىي قارشى سەپ شەكىللەندۈرۈپ، تەتۈر تەشۋىقات ۋە قارىلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ترامپنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەپ قارارنامە ئېلان قىلىشىدىن كېيىن بۇ قارىلاش ئوچۇق - ئاشكارا ئۇرۇشقا ئايلاندى. دەرۋەقە، ترامپ بۇ قارارنامىسى دىنىي ئايرىمچىلىق پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان تولىمۇ بىمەنە قارارنامە ئىدى.

ئۇلار بۇ قارارنامە ئارقىلىق ترامپنى شەيتانلاشتۇردى. چۈنكى ئۇلار ئوبامانى ئەۋلىيا دەپ بىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئوباما راستىنلا ئەۋلىيامۇ؟

يېقىندىن بۇيان سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ قۇسۇرسىز ئۇدا 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تاراتقۇلار شۇنچىلىك كۆپ ترامپقا قارشى خەۋەر تارقىتىۋاتىدۇكى، بۇنىڭغا كۆپىنچىمىز دېگۈدەك ئىشەنمەيمىز. ئەمما ھەقىقەت ئۇنداق ئەمەس. پەقەت بىرقانچە تېما ئاستىدا ئوباما دەۋرىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ دەۋرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان ئىنتايىن ناچار بىر دەۋر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

1 – تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلخەت سەتچىلىكى

ئوباما تاللىغان ھىلارى كىلىنتوننىڭ 2015 – يىلى مارتتا مەخسۇس ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە مەخپىي مەلۇماتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2 – «بوران – چاپقۇن» ۋە «غەزەپ – نەپرەت» ھەرىكىتى

ئوباما ھۆكۈمىتى مېكسىكىلىق زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەتكەسچىلەرگە مىڭلارچە قورال - ياراغ بەردى. بۇ قورال – ياراغلاردىن بىرى 2010 – يىلى دېكابىردا ئامېرىكىنىڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ مەسئۇلى برايئېن تېرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە ئىشلىتىلدى. ئوباما ھەيئىتى مەجلىسكە بۇ ھەقتە دوكلات سۇنۇشنى رەت قىلدى.

3 – ئوبامانىڭ مىللىي كىرىم ئورگىنىدىكى ھەيئىتى سىياسىي رەقىبلىرىنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەتكە قېقىپ، نىشان كۆرسەتتى.

4 – 2012 – يىلى 11 – سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە باش ئەلچىسى كرىس ستىۋېنز ۋە 3 كىشى بىنغازىدا ئامېرىكا باش كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. باش ئەلچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتوندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ يۈزلەرچە قېتىم خەت يازدى. بىراق ھىلارى كىلىنتون بۇنىڭغا قىلچە پىنسەنت قىلمىدى ھەم جاۋاب قايتۇرمىدى. قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەلەپلىرىنى رەت قىلدى. ھىلارى كىلىنتون ھۇجۇمنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى مەزمۇن قىلىنغان بىر فىلىمغا نارازىلىق سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىنچە ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئېلخەتلىرىدە ھۇجۇمنىڭ تېررورىزم ئىكەنلىكى، بۇنى ئۆزىمۇ بىلىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

5 – ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى ئۆزگەرتىلگەن 4 ماددىسىدا كىشىلەرنى، ھۆججەتلىرىنى ۋە نەرسە – كېرەكلىرىنى قالايمىقان ئاختۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خەلق ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەقىب قىلىندى. ئېلخەتلەردىكى بارلىق مەلۇماتلار ئۇچۇر مەركەزلىرىگە يوللاندى. CIA نىڭ سابىق خىزمەتچىسى سنوۋدېن بۇ سەتچىلىكنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىنمۇ ئوباما: «پەقەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلىرىڭلارنىلا توپلاۋاتىمىز، ئەندىشە قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق» دېدى. دەرۋەقە، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار ھۆكۈمەتنى كېرەكلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

6 – ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى: ئوباما ئوتتۇرا شەرقتە بىر مىليونغا يېقىن ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 10 مىليون ئەتراپىدا ئىنساننى كۆچمەن قىلدى.

7 – ئوباما دەۋرىدە تولۇق 2 مىليون كۆچمەن ئامېرىكىدىن قوغلاندى.

ترامپنىڭ مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك قارارنامىسىگە قارشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا خەلقى ھەر كۈنى يۈزلەرچە، بەزىدە مىڭلارچە مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن ئوباماغا قارشى نېمىشقا سۈكۈت قىلدى؟

بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئوچۇق. ترامپ ئۈستۈن ئەقىلگە قارشى چىققان بىردىنبىر ئامېرىكىلىق سىياسىيون ئىدى. سايلامدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېڭىپ، بارلىق پىلانلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ تۈرك رەھبەر ئەردوغانغا قارشى چىقىش سەۋەبىمنىڭ دەل – دەرەخلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرئاز سەۋر قىلساق، ئامېرىكىدىكى كوچا نامايىشلىرىنىڭ نىشانىنىڭ مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى قوغداش ئەمەسلىكىمۇ چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر