ھۇد ئەلەيھىسسالام

ئاد قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ھۇد ئەلەيھىسسالام.

ھۇد ئەلەيھىسسالام

ھۇد ئەلەيھىسسالام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۇد ئەلەيھىسسالام يەمەندىكى ئاد قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامنىڭ نەسلىدىندۇر. يەنە بىر ئىسمى ئابىر بولۇپ، لەقىمى نەبىيۇللاھتۇر. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ھەققىدە 2 خىل رىۋايەت باردۇر.

ھۇد بىن ئابدۇللاھ بىن رىباد بىن ئەلخەلۇد بىن ئاد بىن ئەۋس بىن ئىرەم بىن سام بىن نۇھ.

ھۇد ئىبنى سالىھ ئىبنى ئەرفەھد ئىبنى نۇھ ئىبنى ئەبى ئاد.

ھۇد ئەلەيھىسسالام يەمەندىكى ئەدەن بىلەن ئۇممان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەھقاف دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلاتتى. بەزىدە تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان ھۇد ئەلەيھىسسالام ناھايتى مېھىر – شەپقەتلىك ۋە سېخى ئىدى.

ئاد قەۋمى ئۇزۇندىن بۇيان يەمەن بىلەن ئۇممان ئارىلىقىدىكى قۇملۇقتا بەختلىك ياشاپ كېلىۋاتاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ناھايتى كۆپ ئاتالارنى ئېھسان قىلدى. ئۇلار بۇ زېمىندا بۇلاق سۈيى تاپتى، يەر – زېمىن ئاچتى، دەل – دەرەخ تىكىپ، باغۇ – بوستانلارنى بەرپا قىلدى، ئۆي – ئىمارەتلەرنى سالدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جانابىي ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېنىنى ساغلام، بېجىرىم قىلدى ھەمدە ئۇلارغا باشقا پايدىلىق شەرت – شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. لېكىن ئۇلار بۇ نېمەتلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى زادى يادىغا ئېلىپمۇ قويمىدى.  ھە دېسىلا ھەددىدىن ئېشىپ، ئازغۇنلۇق يولىغا ماڭدى، بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ، بۇتقا چۇقۇنۇشقا باشلىدى. ئۇلار بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشكەن ھامان بۇتقا رەھمەت ئوقۇيتتى، بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا، ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيتتى.

ئۇلار شۇ زېمىندا خالىغانچە ئەسكىلىك قىلاتتى، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە چوڭلۇقىغا ئىشىنىپ، ئاجىزلارنى خورلايتتى، كىچىكلەرنى بوزەك قىلاتتى.

ھۇد ئەلەيھىسسالام قان سىستېمىسى جەھەتتىن ئاد قەۋمى بىلەن ئۇرۇقداش بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك، كۆڭۈل – كۆكسى ئەڭ كەڭ زات ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىنى ھىاديەتكە باشلاش، ئۇلارنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ كۆز پەردىسىنى توسۇۋالغان ئازغۇنلۇق توسۇقىنى ئېچىپ، ئۇلارنى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلەندۈرۈش مەقسىتىدە ھۇد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى.

ھۇد ئەلەيھىسسالام  جانابىي ئاللاھنىڭ چاقىرىقى، ئەمر – پەرمانلىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىۋەتكۈندەك ئىرادە بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ جاھالەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، قەۋمىنى بۇتقا چۇقۇنىدىغان تويۇق يولدىن ھىدايەتكە باشلاشق ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئۇ قەۋمىگە مۇنداق دېدى:

- ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر. ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار. ئۇلار ئېيتتى:

- ئى ھۇد! سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ (پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز. بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز. ھۇد ئېيتتى:

- مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ). ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.[1]

ھۇد ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

- سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن. ئۇلار:

- (ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن، - دېدى. ئۇ:

- (سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن، - دېدى.

 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ:

- مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى):

- ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

 «بىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق. ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى. ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن.

ئىلاھىي ئەمرگە ئاساسەن بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز.

 بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى.»[2]

ھۇد ئەلەيھىسسالام  ئاللاھنى ئىنكار قىلمىغان ئۈممىتى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىكى تۇرغان يېرىدە قېلىۋەردى، بوران ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا گۆركىرەپ چاڭ – توزان كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ چەكسىز مەرھىمىتى بىلەن ئامان – ئېسەن قېپقالدى. بوران توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەزرىمەۋتكە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆز رىزقىدىن بەھرىمەن بولدى. 

 

 


[1] سۈرىسى، 50 – 50 – ئايەتلەر.

[2] ئەھقاف سۈرىسى، 21 – 26 – ئايەتلەر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر