دۇنياغا داڭلىق بوكسيورنىڭ دۇبەي ساياھىتىدە ناماز قىلىشى ئاممىۋى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالدى
دۇنياغا داڭلىق بوكسيور ئانتونى جوشانىڭ دۇبەي ساياھىتىدە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە جامەگە بېرىپ ناماز قىلىشى ئاممىۋى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە سالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەلىك بوكسيور جامەنىڭ ئىچىدە تارتىلغان فوتو سۈرەتلىرىنى «ئەسىر نامىزىدا قېرىندىشىمغا ھەمراھ بولۇش ھەقەقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى» تەرىقىسىدە ھەمبەھىرلەشتى.
بەزى ئىرقچى ۋە ئىسلام دۈشمىنى بولغان مەستانىلىرى جوشانىڭ ناماز قىلىۋاتقان فوتو سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى.
بەزىلەر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى twitter سەھىپىسىدە 27 ياشلىق بوكسورغا ھاقارەت ياغدۇردى.
Terry Johnson ئىسىملىك بىرى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى Theresa May دىن داڭلىق بوكسيورنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆپلىگەن مەستانىلىرى twitter سەھىپىسىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ، جوشانى تەقىپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرسە، يەنە كۆپ ساندىكىلىرى 29 – ئاپرېل كۈنى ئۇكرائىنالىق كلىچكو بىلەن جوشا جەڭگە چۈشكەندە، ئۇنى ئەمەس رەقىبىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يېزىشتى.