ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە ئالاقىدار چۈشەنچىلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇسۇلنىڭ مەزھەپچىلىككە قۇربان قىلىنىشىنىڭ ئۇ يەردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى تۈركىيە چېگرالىرىغا يۆتكەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

592929
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە ئالاقىدار چۈشەنچىلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە 28 – نۆۋەتلىك مەھەللە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلدى. ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇسۇل ھەرىكىتى ۋە سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان تىراگېدىيە بار ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەشنى قەيەردە زۆرۈر تېپىلسا شۇ يەردە قىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇ يەرنىڭ مۇسۇل ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «شۇنداقكەن مۇسۇلدا بولىمىز. ھاۋا كۈچلىرىمىزنىڭ مۇسۇل ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. باشقا مەسىلىلەردىمۇ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىدۇ» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، PKK ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىپ، تۈركىيەنى مۇسۇلدىن يىراق تۇتماقچى بولغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى، بىزنىڭ ئىستىقلالىمىز ( مۇستەقىللىقىمىز) نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈشنى ئويلىغانلار، خاتالاشقان بولىدۇ. دەل ئەكسىچە، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قوراللىرى قوللىرىدا پارتلايدۇ. PKK نىڭ گۇماشتىسى PYD-YPG نىڭ، مەزھەپچى باغداد دائىرىلىرىنىڭ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سېپىدە ئورۇن ئالغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرىمەن: خاتا يولدا كېتىۋاتىسىلەر، سىلەر تۇتاشتۇرماقچى بولغان ئوت بىزدىنمۇ بەكرەك سىلەرنى كۆيدۈرىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۇرىيەدە بولسا، 5 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بىخەتەر رايون پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھەلەب مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، پۇتىننىڭ ئەننۇسرەنىڭ شەھەردىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ بىر ئىش قىلىش يولىدىكى ئىلتىماسىنىڭ ئورۇندىلىشى مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ھەلەبتە كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈش بىزنىڭ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان قەرزىمىزدۇر» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇ يەردىن باشلىنىدىغان بىر كۆچۈشنىڭ كەم دېگەندىمۇ بىر مىليون كىشىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

«ئۇ گۈزەل ھەلەب، ئۇ مەدەنىيەت، ئۇ تارىخ شەھىرى قانداق ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ تاش ئۈستىدە تاش قالمىدى» دېگەن ئەردوغان، «ئىچىم پۇچۇلانماقتا» دېدى.

24 – ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە جەرابلۇس، رائى ۋە دابىقنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، «تېخىمۇ تۆۋەن تەرەپتە نېمە بار؟ ئەلباب بار. ئۇ يەرگىمۇ بارىمىز. چۈنكى، بىز خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جاي دابىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئەلبابنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلىدۇ.  ئۇ يەردىن مۇنبىچنىمۇ مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان، سۇرىيەدە تۈركىيەنىڭ ئىككى ئايدا قولغا كەلتۈرگەن زەپىرىنىڭ ئىلگىرى 4 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلەلمىگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر