تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراق ۋە ھاككارىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە قوراللىق بازىلار ۋە پاناھجايلار يەر بىلەن يەكسان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ۋە ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىنى بىت – چىت قىلدى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈنۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستىخباراتقا بىنائەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار تۈنۈگۈن 16:45 – 16:55 ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەسكىلاتىنىڭ پاناھجايلىرىنى بىت – چىت قىلىپ تاشلىدى.
ئاخشامغا يېقىن كەلگەن يەنە بىر ئىستىخباراتقا بىنائەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئايروپىلانلار بۇ قېتىم ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە نىشانلارنى ئۇجۇقتۇردى. ئايروپىلانلار كەچ سائەت 19:56 – 20:21 ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە قوراللىق بازىلارنى ۋە پاناھجايلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
ئايروپىلانلار ھاۋا ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بازىغا قايتىپ كەلدى.