فىرانسىيە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىدىغان ئىقتىسادىي پىلان ئېلان قىلدى

فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۈنو لۆمەر سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ نامايىشلىرى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە شەھەرلەرگە ماددىي ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي پىلان تەييارلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1144911
فىرانسىيە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىدىغان ئىقتىسادىي پىلان ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۈنو لۆمەر مىنىستىرلىق بىناسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ نامايىشتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، نامايىشلار سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر ۋە شەھەرلەرگە ماددىي ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي پىلان تەييارلىغانلىقلىرىنى ۋە 3-2 ھەپتە ئىچىدە باش مىنىستىر ئىدۋارد فىلىپپىغا سۇنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىقتىسادىي پىلاننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نامايىشلار سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر زىيىنىنىڭ %40-20 نى، نامايىش يۈز بەرگەن كۈنلەردە دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ زىيىنىنىڭ %60 نى تۆلەپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، فىرانسىيەدە نامايىشلار سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغانلارنىڭ سانى 72 مىڭ 675 كە چىققان بولسا، بۇنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىقتىسادىي زىيىنى 38 مىليون ياۋرو بولغان. نامايىشلار سەۋەبىدىن ماگېزىن، رېستوران ۋە چوڭ سودا مەركەزلىرى 2 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىغان، يېمەك-ئىچمەك سودىسى ساھەسىدە تەخمىنەن 13 مىليارد ياۋرو زىيان كۆرۈلگەن. نامايىشلاردىكى زوراۋانلىقلاردا دۆلەت مىقياسىدا 6 مىڭ ئاپتوموبىل، ئىشخانا ۋە ئۆيلەر 200-100 مىليون ياۋرو قىممىتىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

نامايىشلار سەۋەبىدىن دېكابىر ئېيىدا پايتەخت پارىژغا ئۇچقان خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ %10-5 ى كەينىگە قايتىپ كەتكەن. 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا پارىژ سەپەرلىرىدە %6.8 ئازىيىش كۆرۈلگەن.

2018-يىل 17-نويابىر يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە قارشى باشلانغان، ئەمما كېيىنچە پىرېزىدېنت ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆزگەرگەن نامايىشلار، فىرانسىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك نامايىش ھالىغا كەلگەن ئىدى. نامايىشلاردا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى، 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى ۋە 1796 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر