دۇنيا بانكىسى دۇنيا دۆلەتلىرىنى يۈز بەرگۈسى ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىستىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى كىرىستىن لاگاردې، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1143242
دۇنيا بانكىسى دۇنيا دۆلەتلىرىنى يۈز بەرگۈسى ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىستىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىستىن لاگاردې، دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن «تۆت بۇلۇت» نىڭ بورانغا ئايلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ دۇبەيدە چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن پەيدا بولغۇسى قارا بورانغا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر خەۋپلەرنىڭ ئارىسىدا «سودا سۈركىلىشلىرى ۋە قوشۇمچە باجلارنى ئۆستۈرۈش، مالىيەنى قىسىش، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان چېكىنىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاگاردې، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۈركىلىشىنىڭ تەسىرىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بۇ سۈركىلىشنىڭ قانداق پەسكويغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىراق، ھازىردىن تارتىپلا سودا ۋە پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئىشەنچكە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز»  دېگەن لاگاردې، بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى قەرز چىقىملىرىنىڭمۇ خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ھاۋادا بەك كۆپ بۇلۇت بولغان چاغدا، بوراننىڭ چىقىشىغا كېرەكلىك بىردىنبىر نەرسە بىر چاقماقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر