400 ئامېرىكالىق دۆلەتنىڭ %60 نوپۇسىدىن باي

ئەڭ باي 400 ئامېرىكالىقنىڭ مال-مۈلكىنىڭ، دۆلەت نوپۇسىنىڭ %60 گە تەڭ كېلىدىغان 150 مىليون كىشىنىڭ مال-مۈلكىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

400 ئامېرىكالىق دۆلەتنىڭ %60 نوپۇسىدىن باي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بايلىق باراۋەرسىزلىكى ھەققىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئەڭ باي 400 ئامېرىكالىق مال-مۈلكىنى ئۈچ قاتلىغان.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى گابرىيېل زۇجمەن تەرىپىدىن تەييارلانغان دۇنيادىكى دۇنيادىكى باراۋەرسىزلىك سانلىق مەلۇماتلىرى دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئەڭ باي كىشىلىرى بىلەن ئەڭ كەمبەغەل كىشىلىرى ئارىسىدىكى پەرق تېخىمۇ چوڭايغان.

دوكلاتتا، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %0.00025 گە تەڭ كېلىدىغان ئەڭ باي 400 ئامېرىكالىقنىڭ مال-مۈلكىنىڭ، دۆلەتنىڭ %60 گە تەڭ كېلىدىغان جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى150 مىليون كىشىنىڭ مال-مۈلكىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 1987-يىلى جەمئىيەتتىكى %60 لىك نوپۇسنىڭ دۆلەت بايلىقىدىكى نىسبىتى %5.7 بولغان بولسا، 2014-يىلى %2.1 بولغان.

گابرىيېل زۇجمەننىڭ دوكلاتىدا، بايلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاشتا، ئاپتوموبىل، ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملىرىنى ساناش ناھايىتى قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن مال-مۈلۈك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى، يەنە كېلىپ بەزى مال-مۈلۈكلەر باجدىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى 10 يىلدا تېز سۈرئەتتە باي بولغانلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھېسابلاشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىقى قەيت قىلىندى.

بايلىقلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قولىدا توپلىنىشىنىڭ، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا قاتلام ئائىلىلىرىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان دوكلاتتا، كۈچىنى ۋە بايلىقلىرىنى سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مىليادېرلارنىڭ قولىغا توپلانغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ: مال-مۈلۈك , باي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر