ترامپ دۇنيا بانكىسى باشلىقلىقىغا مالپاسنى نامزات كۆرسەتتى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە مەسئۇل مەسلىھەتچىسى دېيۋىد مالپاسنى دۇنيا بانكىسى باشلىقلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.

ترامپ دۇنيا بانكىسى باشلىقلىقىغا مالپاسنى نامزات كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جورج بۇش ۋە رونالد رېگان دەۋرلىرىدىمۇ خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مالپاس، دۇنيا بانكىسى توغرىسىدىكى تەنقىدلىرى بىلەن نام چىقارغان بىر كىشى بولۇپ، 2008 – يىلىدىكى كىرىزىستا ۋەيران بولغان Bear Stearns تا باش ئىقتىسادشۇناس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى. ئۇ، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى دۇنيا بانكىسى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى چىرىكچىلىك قىلىش ۋە بانكىنى باشقۇرالماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

مۇھاپىزىكارلىقى ۋە ترامپ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم مالپاسنىڭ، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سودا كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

مالپاس، دۇنيا بانكىسى ئىدارە ھەيئىتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ قالسا، يانۋار ئېيىدا دۇنيا بانكىسى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن جىم يوڭكىمنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان بولىدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالپاس ترامپقا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ۋە قىزى ئىۋانكا ترامپ تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر