ئىران قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملىرىنى تېزلىك بىلەن ئىجرا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىران ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە ئالىي كېڭىشىدە، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ تېزلىك بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

ئىران قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملىرىنى تېزلىك بىلەن ئىجرا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە ئالىي كېڭىشىنىڭ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت تېھراندا يىغىن چاقىرغانلىقىنى، يىغىنغا پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى، ئەدلىيە ئەركى باشلىقى سادىق لارىجانى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ئىسھاق جىھانگىرى، سانائەت، كان ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىر رىزا راھمانى ۋە مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئابدۇنناسىر ھىممەتىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئىمپورت – ئېكسپورت ۋە ئورتاق سېلىنما دېگەندەك مەزمۇندىكى كېلىشىملەرگە قاراپ چىقىلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ تېزلىك بىلەن ئىجرا قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ: كېلىشىم , ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر