دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرى تۆۋەنلىتىلدى

دۇنيا بانكاسى 2018، 2019 ۋە 2020-يىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرىنى تۆۋەنلەتتى.

دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرى تۆۋەنلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسىنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادى ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرىنى %3.1 دىن %3 گە، 2019-يىلى ئۈچۈن %3 دىن %2.9 گە تۆۋەنلەتتى.

دوكلاتتا، 2020-يىلى ھەققىدە دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرىنىڭ %2.9 دىن %2.8 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2021-يىلدا بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ %2.8 سەۋىيەسىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، خەلقئارا سودا پائالىيەتلىرى سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقى، دۇنيا سودا يىرىكچىلىكلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە بەزى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بازار بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا %2.2، 2019-يىلى %2 سەۋىيەسىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنىڭ پەرەز قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 2018-يىلدىكى تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ %2.7 دىن %2.9 گە ئۆستۈرۈلگەنلىكى، 2019-يىلدا %2.5 سەۋىيەسىدە مۇقىم بولىدىغانلىقى، 2020-يىلى ئۈچۈن %2 دىن %1.7 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2021-يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ %1.6 سەۋىيەسىدە بولىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەر قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، تاشقى سودىدىكى تەلەپنىڭ ئازىيىشى، قەرز ئېلىش مالىيەتلىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ئېنىقسىزلىقلارنىڭ، تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادلارنىڭ ئېشىشىغا ئىزچىل بېسىم شەكىللەندۈرۈشىنىڭ پەرەز قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ 2018-يىلنىڭ ئاخىرىدا %2.1دىن %1.9 گە، 2019-يىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ %1.7 دىن %1.6 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋرو رايونىنىڭ 2020-يىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ %1.5 سەۋىيەسىدە مۇقىم بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، 2021-يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ %1.3 سەۋىيەسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2018-يىلدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ %4.5 دىن %4.2 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2019-يىلى ئۈچۈن %4.7 دىن %4.2 گە، 2020-يىلى ئۈچۈن %4.7 دىن %4.5 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2021-يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ %4.6 سەۋىيەسىدە بولىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ 2018-يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ 1 نومۇرلۇق ئازىيىش بىلەن %3.5 گە، 2019-يىلدا 2.4 نومۇر چۈشۈش بىلەن %1.6 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2020-يىلدا 1 نومۇرلۇق ئازىيىش بىلەن %3 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2021-يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ %4.2 سەۋىيەسىگە ئۆرلىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، خىتاي ئىقتىسادىدىكى 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىيات مۆلچەرىنىڭ %6.5 سەۋىيەسىدە مۇقىم بولىدىغانلىقى، 2019-يىلدا خىتاي ئىقتىسادىدا تەرەققىياتنىڭ داۋاملىق تەڭپۇڭ بولىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بۇ يىل (2019) ئۈچۈن %6.3 دىن %6.2 گە تۆۋەنلىتىلگەنلىكى، 2020-يىلدا %6.2 سەۋىيەسىدە مۇقىم بولىدىغانلىقى، 2021-يىلدا %6 سەۋىيەسىدە بولىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر