تۈركىيە ئىقتىسادى يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە %1.6 ئاشتى
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) بۇ يىل (2018) نىڭ ئۈچىنچى چارىكى (7-ئايدىن 9-ئايغىچە) گە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2018-يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، زەنجىرىسىمان ھەجىم ئىندېكسى ئۆتكەن يىل (2017) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، %1.6 ئاشقان.
ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، ئىلگىرىكى باھالار بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنىي رەقىمى، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %21.8 ئېشىپ، 1 تىرىلىيون 13 مىليارد 453 مىليون لىرا بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.