ئىتالىيە فەيسبوكقا ئىقتىسادىي جازا بەردى

ئىتالىيە رىقابەت ئىشلىرى كومىتېتى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فەيسبوكقا 10 مىليون ياۋرولۇق ئىقتىسادىي جازا بەردى.

1102875
ئىتالىيە فەيسبوكقا ئىقتىسادىي جازا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە رىقابەت ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى تىجارەت مەقسىتىدە قانۇنسىز ھالدا ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فەيسبوكقا 10 مىليون ياۋرولۇق ئىقتىسادىي جازا بېرىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، فەيسبوك ئىستېمالچىلار قانۇنىنىڭ 21 – ۋە 22 – ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەزالىرىنى دەرھال خەۋەردار قىلماستىن، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنى تىجارەت مەقسىتىدە ئىشلەتكەن.

كومىتېت ، فەيسبوك ئەزالىرىنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرى سىرتتىن بىرەر تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەندە، ئاپتوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئېنىقلاپ چىققان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر