ياۋرووپا ئىتتىپاقىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پەسىل خاراكتېرلىك رەقەملەر چىقىرىۋېتىلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ، يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئالدىنقى چارەككە سېلىشتۇرغاندا %0.2 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋرووپا ئىتتىپاقىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسى 19 ئەزاغا ئىگە ياۋرو رايونى ۋە 28 دۆلەت ئەزا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2018-يىلى ئۈچىنچى چارەكتىكى پەسىل خاراكتېرلىك رەقەملەر چىقىرىۋېتىلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياۋرو رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 2018-يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىككىنچى چارەككە سېلىشتۇرۇلغاندا، %0.2 ئاشقان. ئۆتكەن يىل (2017) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا بولسا، %1.3 ئاشقان.

28 دۆلەت ئەزا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا پەسىل خاراكتېرلىك رەقەملەر چىقىرىۋېتىلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۈچىنچى چارەكتە ئىككىنچى چارەككە سېلىشتۇرۇلغاندا %0.2 ئاشقان، ئۆتكەن يىل (2017) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا بولسا، %1.2 ئاشقان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۈچىنچى چارەكتە جەمئىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 239.3 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ 158.3 مىليونى ياۋرو رايونىدا ئەمەلگە ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر