مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى

2018-يىلىنى مۇھىم كېلىشىملەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى، يۇقىرى ئېكسپورت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ ئېكسپورت رەقىمى 2011-يىلى 883 مىليون 845 مىڭ، 2012-يىلى 1 مىليارد 260 مىليون 810 مىڭ، 2013-يىلى 1 مىليارد 388 مىليون 803 مىڭ، 2014-يىلى 1 مىليارد 647 مىليون 799 مىڭ، 2015-يىلى 1 مىليارد 6564 مىليون 88 مىڭ، 2016-يىلى 1 مىليارد 677 مىليون 116 مىڭ، 2017-يىلى 1 مىليارد 739 مىليون 453 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئۆتكەن يىل (2017) نىڭ 11 ئايلىق مەزگىلىدە ئېكسپورت رەقىمى 1 مىليارد 535 مىليون 529 مىڭ دوللارغا يەتكەن مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى، بۇ يىل (2018) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمىنى %16.05 ئاشۇرۇپ، ئېكسپورت رەقىمىنى 1 مىليارد 782 مىليون 53 مىڭ دوللارغا يەتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن، 2018-يىلى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يىللىق بويىچە ھېسابلىغاندا ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت رەقىمىنى قولغا كەلتۈرگەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا 200 مىليون دوللاردىن كۆپ ئەمەلگە ئاشقان دېكابىر ئايلىق ئېكسپورت رەقەملىرى كۆزدە تۇتۇلغاندا، ئېكسپورت رەقىمى يىل ئاخىرىدا 2 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى بۇ مەزگىلدە 644 مىليون 29 مىڭ دوللار قىممىتىدە ئەڭ كۆپ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلغان. ئۇندىن قالسا، 211 مىليون 684 مىڭ دوللار قىممىتىدە گېرمانىيەگە، 150 مىليون 516 مىڭ دوللار قىممىتىدە ئۇممانغا مال ئېكسپورت قىلغان.

يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىن باشقا تەرتىپ بويىچە، گوللاندىيەگە 72 مىليون 351 مىڭ دوللار، ھىندىستانغا 71 مىليون 686 مىڭ دوللار، قاتارغا 70 مىليون 981 مىڭ دوللار، ئەنگلىيەگە 50 مىليون 661 مىڭ دوللار، پولشاغا 48 مىليون 409 مىڭ دوللار، فىرانسىيەگە 44 مىليون 505 مىڭ دوللار، ئەزەربەيجانغا 37 مىليون 465 مىڭ دوللار قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر