خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا 28.8 مىليارد دوللارلىق پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى

خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا 200 مىليارد يۇەن، يەنى تەخمىنەن 28.8 مىليارد دوللارلىق پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى.

خىتاي بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدا 28.8 مىليارد دوللارلىق پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركەز بانكىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا، سېلىنما ۋە مالىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىشىشىغا ئاسانلىق يارىتىش مەقسىتىدە، 28.8 مىليارد دوللارلىق پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكى جاكارلاندى.

3 يىللىق كۈچكە ئىگە بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشكەن تەقدىردە ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر