گىتلېرنىڭ بىر يەھۇدىي كىچىك قىز بىلەن چۈشكەن رەسىمى سېتىشقا سۇنۇلدى

ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ رەھبىرى ئادولۇف گىتلېرنىڭ بىر يەھۇدىي كىچىك قىز بىلەن چۈشكەن رەسىمى تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قويۇلدى.

گىتلېرنىڭ بىر يەھۇدىي كىچىك قىز بىلەن چۈشكەن رەسىمى سېتىشقا سۇنۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ب ب س» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، تەخمىنەن 6 مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدە جاۋابكارلىقى بولغان گىتلېرنىڭ 1933يىلى روسا ئىسىملىق بىر يەھۇدىي كىچىك قىز بىلەن چۈشكەن رەسىمىنىڭ ئامېرىكىدىكى تالاشتۇۇرپ سېتىش مەركىزىگە سېتىشقا سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مارىيلاند ئىشتاتىدىكى ئالېكساندىر قەدىمىي تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىدە سېتىشقا سۇنۇلغان رەسىمدە، گىتلېر بىلەن روسانىڭ ئۆزئارا سەمىمىيىتى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

ھېنرىچ ھوفمان تەرىپىدىن تارتىلغان رەسىمنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ دوللارغا سېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بىل پاناگوپۇلوس «MailOnline» بېتىگە بايانات بېرىپ، گىتلېرنىڭ تەشۋىقات ئۈچۈن يەھۇدىي كىچىك بالىلار بىلەن رەسىم تارتقۇزغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «بۇ رەسىمدە دىققەت تارتىدىغان ئامىل، گىتلېرنىڭ كىچىك قىزغا راستىنلا يېقىنلىق كۆرسىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىشىدۇر. رەسىمنى كۆرگىنىمدە ئىنتتايىن ھەيران قالدىم» دېدى.

گىتلېرنىڭ يەھۇدىي قىز بىلەن تونۇشىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسا بىلەن ئانىسى ئەينى چاغدا باش مىنىسىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان گىتلېرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن گىتلېرنىڭ ئالپ تاغلىرىدىكى بېرگھۇفقا جايلاشقان ئۆيىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان كىشىلەر ئارىسىدا بار ئىدى.

گىتلېر تۇغۇلغان كۈنلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن رۇسا ۋە ئانىسى كارولايننى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، رۇسا بىلەن چۈشكەن رەسىمنىڭ شۇ يەردە تارتىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 تالاشتۇرۇپ سېتىش ئۆيىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە، گىتلېرنىڭ ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كارولايننىڭ ئانىسىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ۋە روسانىڭمۇ يوھۇدىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن گىتلېرنىڭ ئۇ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈشلىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىماي، گىتلېرنىڭ رۇسا بىلەن بولغان دوستلىقى داۋاملاشقانلىقى ۋە بۇ رەسىمگە ئۆز ئىمزاسىنى قويۇش بىلەن بىرگە «سۆيۈملۈك روسا نېنائۇ بىلەن ئادولۇف گىتلېر، مۇيىنخىن، 1933يىلى 16 ئىيۇن» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ روساغا يوللاپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر