ئىران رىياد بىلەن موسكۋانىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكتا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ھۇسەيىن كازىمپۇر ئەردەبىلى، رىياد بىلەن موسكۋانىڭ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران رىياد بىلەن موسكۋانىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكتا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ھۇسەيىن كازىمپۇر ئەردەبىلى، رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنى 15 دوللار چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق شانا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردەبىلى، «نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋال باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزمەتكە. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى لازىم» دېگەن ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر مىليون ۋارىلدىن قىسقارتىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئانالىزى شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىراننىڭ ياۋروپادىكى نېفىت يېتەرسىزلىكىنى مۇشۇ ئايدىن تارتىپ رۇسىيە تولۇقلايدىكەن.

رۇسىيە، ياۋروپا نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئېمبارگولار تۈپەيلى ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىدا قولدىن بېرىپ قويغان ئورنىنى ياۋروپادا رۇسىيە، ئاسىيادا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر