تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى قارار قىلدى

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئەلۋى تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئەركىن سودا كېلىىشمى تۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1081028
تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئەلۋى ،تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ پات يېقىندا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئەلۋى، كاراچى سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يەرمەنكىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئەلۋى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرۇلۇق سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

 

ئەلۋى: پات يېقىندا تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى  تۈزۈلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كونكرېت ۋە ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاشنى قارار قىلدۇق، دېدى.

تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ پاكىستان بازىرىغا بولغان قىزىقىشى ئۈستىدە توختالغان ئەلۋى مۇنداق دېدى: «4 تۈرك شىركىتى پاكىستانغا بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا تەييار.»

29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى ۋە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن پىرېزىدېنت ئارىف ئەلۋى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر