ئېنېرگىيەدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «ئېنېرگىيەدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...

ئېنېرگىيەدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ

ئېنېرگىيەدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «ئېنېرگىيەدە يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە شېرىكلىشىپ قۇرۇپ چىققان «ستار» نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى ئۆتكەن ھەپتە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. دۇنيا بازارلىرىغا قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات سېلىش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم بولغان ستار نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى، تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ كونكرېت ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رايوننىڭ ئېنېرگىيە سودىسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناپقا ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى يۇقىرى بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئىككى ئاكتىيورى بولغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئورناتقان كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى تەبىئىي گازدىن كېيىن نېفىت ساھەسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئورتاق خىزمەتلىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە.  تۈركىيەنىڭ دىزېل يېقىلغۇ ئىمپورتى ۋە قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەسسە قوشىدىغان ستار نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى ئورنىنى كۈچەيتىدۇ ھەتتا، يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى دېيىشكە بولىدىغان بىر سېلىنما ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ خېلى كۆپ سالمىقىنى خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلماقتا. تۈركىيە نۆۋەتتە يىلدا 25 مىليون توننا ئەتراپىدا خام نېفىت، 18 مىليون توننا ئەتراپىدا نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلماقتا. ستار نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى، تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىمپورتىدا كەڭ ئورۇنغا ئىگە بولغان نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجىنىڭ %25 ىگە يېقىنىنى ئۆز ئالدىغا تەمىنلەش كۈچىگە ئىگە. دېمەك، ئالدىمىزدىكى مۇساپە، بۇ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى سايىسىدا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىمپورتنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قىزىل رەقەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئېنېرگىيە ئىمپورتىدىكى نېفىت مەھسۇلاتلىرى قاپلىغان بۇ ساھەدە سىرتقا بېقىنىشنى ئازايتىش يولىدا تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جەھەتتە ستار نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش لازىم. بۇ قەدەم سايىسىدا تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ يىللىق 1 يېرىم مىليارد دوللار تۆۋەنلەيدىغان بولۇشى دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمىنىڭ ئازايتىلىشىدا كۈچ قوشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەرنىڭ ئورنى ۋە ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادىي سىياسەتلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش كونكرېت قەدەملەرنىڭ كۈنسېرى تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش لازىم.

نېفىتقا ھەر باسقۇچتا قوشۇمچە قىممەت بېغىشلايدىغان بۇ قەدەم، تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرىستىمۇ يارىتىدىغان بۇ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ دىنامىكلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكىمۇ بار.

نۆۋەتتىكى ھازار دېڭىزىدىكى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى ياۋروپا بازىرىغا سالماقچى بولۇۋاتقان ئەزەربەيجان، مەيلى جۇغراپىيەلىك ئورنى، مەيلى بېسىپ ئۆتۈش يولى ۋە چىقىمى ئاز بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بولسۇن، رايوننىڭ ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلىتى بولغان تۈركىيە بىلەن ئورتاق نۇقتىدا ئۇچراشتى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئېنېرگىيە سودىسىدىن ھالقىتىپ، مۇقىم سەرمايە سېلىنملىرى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتۈردى. تۈركىيە – ئەزەربەيجان ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان سىتار نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەم تەبىئىي گاز، ھەم نېفىت ساھەسىدىكى شېرىكچىلىكلىرىنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ئورتاق پوزىتسىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان لايىھە ۋە سېلىنمىلار، بىر تەرەپتىن رايون خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە بازارلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككى ئاكتىيورنىڭ رايوننىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بېرىش بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى پائال رولىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تۈركىيە ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركىزىي دۆلەت بولۇش ۋە رايوننىڭ مەۋجۇت ئېنېرگىيە ئىمكانىيەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى نىشان قىلغان ھالدا، گويا نۆۋەتتە ئەزەربەيجان بىلەن ئورناتقىنىدەك، رايوننىڭ باشقا ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە دۆلەتلىرىگىمۇ ئوخشاش ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىشكە تەيياردۇر.

دېمەك، نۆۋەتتە تاشلانغان بۇ كونكرېت قەدەملەرنىڭ سىجىللىقى، داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بولۇشى ۋە يېڭى سېلىنمىلارنى تېخىمۇ يۇقىرى بالداقلارغا كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ناھايىتى مۇۋاپىق ۋاقىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر