يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش توغرىسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قان تومۇرى بولغان پۇل، سودا قىلىش يەنى مال – مۈلۈكنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ۋاسىتىدۇر. بۇ ۋاسىتىنىڭ خەلقئارا پۇل بىرلىكىگە ئايلىنىشى بىلەن پۈتكۈل يەرلىك پۇل بىرلىكلىرى ئالدىدا لەڭگەرلىك رولىنى ئوينىغان بىر مېخانىزم ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پۇل بىرلىكى دوللارغا مەركەزلەشتى ۋە خەلقئارا سودىدا دوللار زاپاس پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. بۇ ئەھۋال دۆلەتلەرنىڭ سودىسىدا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۆزئارا تەلەپ ۋە تەقدىمگە قاراپ شەكىللىنىدىغان ۋە دوللارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ھاسىل قىلغان ياكى يوقىتىپ قويغان قىممىتىگە ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرايدىغان بىر قۇرۇلمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نۆۋەتتە دۇنيا سودىسىنىڭ %40 گە يېقىنى دوللار بىلەن قىلىنىۋاتقان بولسا، %30 دىن كۆپرەكى ياۋرو بىلەن قىلىنماقتا. دۇنيا سودىسىنىڭ ئوتتۇرىچە %70 تىن كۆپرەكىگە خىتاب قىلىۋاتقان بۇ ئىككى پۇل بىرلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىدا سالمىقى ئېغىر بىر قۇرۇلمىنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. لېكىن، شۇنى ئونۇتماسلىق كېرەككى، دۇنيا سودىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، بىردىن كۆپ ئورتاقنى بىر يەرگە جەم قىلغان مىليونلارچە مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گەرچە زاپاس پۇل بىرلىكىنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى تۆلەش سىستېمىسى، رىقابەت دېگەندەك ساھەلەردە ياراتقان قولايلىق خەلقئارا شىركەتلەرگە نىسبەتەن ئىجابىي شارائىت ياراتسىمۇ، كۈنسېرى زورىيىۋاتقان سودا ھەجىمى ۋە بۇ سودىدىكى بەزى چوڭ پاي ئىگىلىرى سالمىقى ئېغىر بۇ قۇرۇلمىنىڭ يەرلىك پۇللار ئارقىلىق بىر ئاز شالاڭلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر.

يەرلىك پۇللار سودىسىنىڭ ئۆتمۈشىگە قارايدىغان بولساق، خۇسۇسەن 2008 – يىلىدىكى خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن ئىشلىتىلىشى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرىمىز. كىرىزىستىن كېيىنكى جەرياندا دوللار بىخەتەر پورت بولۇشتىن بەكرەك خەۋپ ۋە مەسىلىلەرنى ياراتتى.

بۇ دائىرىدە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ چارە – تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك پۇل سودىسىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش ۋە يەرلىك پۇل سودىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. مەسىلەن، 2009 – يىلى تۈركىيەنىڭ تۈرك لىراسى تۈرىدىكى ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتتىكى نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولغان بولسا، 2017 – يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت %8 تىن ھالقىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈرك لىراسى تۈرىدىكى ئىمپورتنىڭ ئومۇمىي ئىمپورتتىكى نىسبىتىگە قارايدىغان بولساق، بۇ نىسبەت 2008 – يىلى %1.6 ئەتراپىدا بولغان بولسا، 2017 – يىلىغا كەلگەندە، %7.5 گە يەتتى. بۇ ئېشىشتا تۈرك لىراسى بىلەن سودا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تۈرك لىراسىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر – شۈبھىسىزكى – ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.

يەرلىك پۇل بىرلىكى بىلەن سودا قىلىش دوللار زاپىسى تۇتۇش زۆرۈرىيىتىنى ئازايتقانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا ئىقتىسادىدا دوللار مەركەزچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەسسە قوشىدىغان بىر تەڭداش يولدۇر. بۇ ئەھۋالنىڭ زاپاس پۇل بولغان دوللارنىڭ ئىقتىسادىمىزدىكى تەسىرىنى بىر مىقدار بولسىمۇ ئازايتىش مايىللىقىنى پەيدا قىلىشى، خۇسۇسەن خەلقئارا سەرمايە ئېقىملىرىنىڭ يۆنىلىشى ئازىيىشقا يۈز تۇتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىقتىسادلىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە يەرلىك پۇللارنىڭ سودىدا تېخىمۇ كەڭ ئىستېمال قىلىنىشى، ئۇنىڭ تەسىر ساھەسىنىمۇ پاراللېل ھالدا كېڭەيتىدىغانلىقى ئۈچۈن، زاپاس پۇل بولغان دوللارنىڭ ھۆكۈمران كۈچى چوقۇم مەلۇم نىسبەتتە ئاجىزلايدۇ.

دېمەك، بۇ يولدا تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەم يەرلىك پۇل بىلەن سودا قىلىشنىڭ دۇنيا سودىسىدىكى پېيىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ ۋە بۇ نىسبەت يۈكسەلگەن بولىدۇ.

مەيلى قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىشتە تاشقى پېرېۋوتقا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش بولسۇن، مەيلى قەرزنى تۆلەشتە بولسۇن، تاشقى پېرېۋوت ئىزدەشنىڭ ئورنىغا يەرلىك پۇلنىڭ بىر تەڭداش ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇشى، يەرلىك پۇل سودىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىپ سودا قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشقا شەرتسىز ئېھتىياج بار. تاشقى سودىمىزدا گەۋدىلىك پايغا ئىگە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە يەرلىك پۇل بىلەن سودا قىلىش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغان رۇسىيە، خىتاي، ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ئىشلىنىۋاتقان كەڭ دائىرىلىك شۇنداقلا ئەتراپلىق خىزمەتلەر ئۇزۇن كېلەچەكتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەمكارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

بۇ يولدا تاشلىنىدىغان ھەر بىر كونكرېت قەدەم، دۇنيا مالىيە سىستېمىسى ۋە سودىسى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر