ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلايدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇم ئۈچۈن بېلەت سېتىشى بىرقانچە كۈن ئىچىدە باشلىنىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ بېلەتلىرى سېتىلىشقا باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناھايىتى چوڭ مەركەزنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بەزى ئۇچۇشلىرىنى بۇ يەردىن باشلايدۇ. ئۇچۇش سەپەرلىرى ئۈچۈن بېلەت سېتىلىدىغان لىنىيەلەر ئارىسىدا، ئىزمىر، ئادانا، ئەنقەرە، ئانتاليا، باكۇ قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىمۇ بار. يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچىلار ئۈلۈشىنىڭ % 70 تى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بولىدۇ. يېڭى ئايرودۇرۇمغا تولۇق يۆتكىلىش خىزمىتى بولسا 30 – 31 – دېكابىر كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر