كولومبىيەلىك ئېكسپورتچىلار تۈركىيەگە كېلىدۇ

كولومبىيەلىك 300 ئېكسپورتچى ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن 17 – 18 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

كولومبىيەلىك ئېكسپورتچىلار تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە ساياھەت، ئېكسپورت ۋە چەت ئەل سېلىنمىلىرىنى قوللاشقا مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى « ProColombia» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىستانبۇل يىغىن زالىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشتا، كولومبىيەدىن تېخنولوگىيە، مودا، كىيىم – كېچەك، زاپچاس ۋا يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدىن 300 ئېكسپورتچە بىر يەرگە جەم بولىىدكەن.

تۈركىيەنىڭ ئۈچ قىتئەنىڭ مۇھىم ئېغىزى ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشقا، تۈركىيەدىكىىن سىرت يەنە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، خىتاي، جەنۇبىي كورېيە، رۇسىيە، سىنگاپور ۋە  جەنۇبىي ئافرىقىدىن تەخمىنەن 150 بازار ۋەكىلىمۇ قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر