دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سېنتەبىر ئېيىغا نەزەر تاشلىنىدىغان بولسا، ئاينىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. سېنتەبىر ئېيىدا تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى دوللار ئالدىدا ئوتتۇرىچە %8 دىن ئارتۇق ئاشتى. بۇ جەرياندا، تۈرك لىراسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىنىڭ 20 – سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان يېڭى ئىقتىساد پىلانى، ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرى ئەسناسىدا قۇرغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىدلىب مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا بىتەرەپ رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى، ھەم رايوندىكى گېئوپولىتىكىلىق خەۋپلەرنىڭ ئازىيىشىنى، ھەم سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ۋە يۈز بەرگۈسى بىر مۇساپىرلار ئېقىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رايوننىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن دىپلوماتىك ئۇتۇق قولغا كەلتۈرۈلدى. رايوندىكى خەۋپ ۋە تۇراقسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسىي قەدەملەر سايىسىدا، تۈركىيە خەلقئارادىكى شېرىكلىرىنىڭ ئىجابىي شۇنداقلا يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ ئەھۋال پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدا ئىجابىي كەيپىيات پەيدا قىلدى.

ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيە ئىقتىسادى ئىغۋاگەر مۇداخىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، تاشقى پېرېۋوتتا كۆرۈنەرلىك داۋالغۇشلار بولۇپ ئۆتكەن ۋە بۇ ئەھۋال باھاغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى، پۇل پاخاللىقىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىدى.

سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئاساسىي كۈنتەرتىپنى ئاۋغۇست ئېيىدىكى مۇداخىلىنىڭ تەسىرىنىڭ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ مۇساپىدە ئىقتىساد باشقۇرۇش قاتلاملىرى يولغا قويغان بىر قاتار چارە – تەدبىرلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش لازىم. بۇ قەدەملەر قىسقا مەزگىلدە تاشقى پېرېۋوتتىكى داۋالغۇشنى ئازايتىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئىدى.

ئىقتىسادنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يول خەرىتىسىنى بېكىتىش ئارقىلىق پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئوچۇق – ئاشكارا شۇنداقلا كېلەچىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بىر كارتىنا سېزىپ بەرگىنى يېڭى ئىقتىساد پىلانى بولدى. بۇ پىلاننىڭ تولۇق مەنىدە كۈتكەن يەردىن چىققانلىقىنى ۋە ئىقتىسادقا ئىجابىي مەنىدە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. پىلان، ئىقتىسادتا تەڭپۇڭلىشىش باسقۇچىغا قەدەم بېسىلغان بۇ مۇساپىدە ئىجرا قىلىنىدىغان پىرىنسىپ مەركەزلىك سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە ئىقتىسادنى ھەقىقىي كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى بىر بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرىدىغان ئاساسىي پىكىرنى چۆرىدەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مۇساپىنىڭ سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرۇلۇشى مەركىزىي نۇقتا قىلىنغانىدى. پىلاننىڭ بۇ شەكىلدە قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇشىنىڭ ئۈمىدلەرنىڭ كۈتكەن يەردىن چىقىشى جەھەتتىمۇ ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىمۇ ئېنىقتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەم جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھەم خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى، تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا خەلقئارا سەھنىدە پەيدا قىلىنماقچى بولغان خاتا تونۇشنىڭ بىكار قىلىنىشى، مەۋجۇت ئەھۋالنىڭ ۋە ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بولۇپ – ئۆتكەن بۇ ئىشلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئالاقە – مۇناسىۋەتنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى، مەزكۇر ئۇچرىشىشلاردىن كېيىنكى ئىجابىي سىگناللار ۋە يېڭى ھەمكارلىقلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى قاتارلىقلاردىن روشەن ھېس قىلىندى، دېيىشىمىز مۇمكىن.

تۈركىيە ئىقتىسادى سېنتەبىر ئېيىنى مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئارقىدا قالدۇردى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى بولسا، كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىماقتا. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى شاماللىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، يەنى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى بۇ يىل ئىچىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىنى ئېلان قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇكى، ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا سەرمايىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، دۇنيادىكى فوندىلارنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۇنياۋى كىرىزىس مەزگىلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا چېتىشلىق خەۋپلەرنىڭ كۆپ شۇنداقلا ئۆسۈمنىڭ تۆۋەن بولۇشى فوندىلارنىڭ ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىگە سەۋەب بولغانىدى، نۆۋەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە بىر ھالەتنى كۆرمەكتىمىز.

بۇ دائىرىدە، نۆۋەتتە خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر تەھدىت ئورگىنىغا ئايلانغان، ئىقتىسادىي كۈچ يۆنىلىشىنى شەرققە بۇرىغان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى بىر سىستېمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تۈزۈمدە پائال ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكلەرگە موھتاج ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر