لوندوندا تۈرك سودا مەركىزى ئېچىلدى

تۈركىيە سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا تۈرك سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى.

لوندوندا تۈرك سودا مەركىزى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرى لوندوندىكى تۈرك سودا مەركىزىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان چاقچۇق، بىناكارلىق، مىمارلىق ۋە لايىھەلەش شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلدى ھەمدە شىركەتلەردىن مەلۇمات ئالدى.

ئەنگلىيەدە خەلقئارالىق سەۋىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ئورۇن ئالغان كلېركېنۋېل مەھەللىسىدىكى تۈرك سودا مەركىزى، بەش قەۋەتلىك بىناغا جايلاشقان بولۇپ، 13 شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان تۈنۈگۈن (12-سېنتەبىر) لوندونغا يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر