قازاقىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

قازاقىستان ئىقتىساد مىنىستىرى تىمۇر سۇلەيمانوۋ، قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا %3.8 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئىقتىساد مىنىستىرى تىمۇر سۇلەيمانوۋ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار – ئاۋغۇست ئايلىرى ئارىسىدا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەش دۇنيا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى خەۋپلەر ئېغىرلاشقان شارائىتتا قولغا كەلتۈرۈلدى. دوكلاتلاشتۇرۇش مەزگىلىدە (8 ئايدا) دۆلەتنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3.8 بولدى» دېدى.

مىنىستىر سۇلەيمانوۋ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي گۈللىنىش نىسبىتىنى %4 گە يەتكۈزۈشنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

1 – سېنتەبىردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ خەلقئارا زاپاسلىرىنىڭ 87.3 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سۇلەيمانوۋ، ئالتۇن زاپىسىنىڭ %0.1 ئېشىپ 30.8 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر