خىتاي بىلەن رۇسىيە سودىدا مىللىي پۇل ئىشلىتىشنى قارار قىلدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە كېلەر يىلدىن باشلاپ مىللىي پۇللار بىلەن سودا قىلىشنى قارار قىلدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە سودىدا مىللىي پۇل ئىشلىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن رۇسىيە دوللارسىز سودا قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى تاشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئىككى دۆلەت 2019-يىلدىن باشلاپ سودا ئىشلىرىنى مىللىي پۇللار بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.

رۇسىيە سېلىنما فوندى باشلىقى كىرىل دىمىترېۋ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ مىللىي پۇللار بىلەن سودا ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

دىمىترېۋ خىتاي تەرەققىيات بانكىسى بىلەن قىممىتى 10 مىليارد دوللارغا تەڭ كېلىدىغان خىتاي فوندلىرى  ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇلتۇر بايانات بېرىپ،  خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چەت ئەل بازارلىرىغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن مىللىي پۇللار بىلەن سودا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر