ئالىبابا گۇرۇھى رۇس شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ

ئالىبابا گۇرۇھى بىلەن رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيەلىك شىركەتلەر رۇسىيەدە شىركەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئالىبابا گۇرۇھى رۇس شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى ئالىبابا بىلەن رۇسىيەدىكى نوپۇزلۇق تېخنولوگىيەلىك شىركەتلەر ھەمكارلىشىپ ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى قۇرىدۇ.

ئالىبابا گۇرۇھى بىلەن رۇس شىركەتلىرىدىن ماگافون، مېيىل رۇ ۋە رۇسىيە سېلىنما فوندى قاتارلىقلار رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەردە ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق شىركەت قۇرۇپ چىقىدۇ.

رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە ئالىبابا، مېگافون، مېيىل رۇ ۋە رۇسىيە سېلىنما فوندى شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

كېلىشىم دائىرىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلىدىغان شىركەتكە 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، ئالىئېكسپېرس (AliExpress) شىركىتىنىڭ بۇ ھەمكارلىق شىركىتىگە قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېلىشىمدە رۇسىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تېلېگراف شىركەتلىرىدىن بولغان مېگافون رۇسىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدىن مېيىل رۇ شىركىتىدىكى %10لىك ئۈلۈشىنى، ئالىئېكسپېرس شىركىتى بولسا رۇسىيەدىكى %24لىك ئۈلۈشىنى ئالىبابا گۇرۇھىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

رۇسىيەنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە تۈزۈلگەن بۇ چوڭ كېلىشىمنىڭ 2019-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر