تۈركىيە ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە %5.2 ئاشتى

تۈركىيە ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە %5.2 ئاشتى؛ تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكى (ئاپرېل – ئىيۇن) گە ئالاقىدار مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىقتىسادى ئىككىنچى چارەكتە %5.2 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەجىم ئېندېكسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %5.2 ئاشقان.

ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، دائىملىق باھالار بىلەن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى 3 ئايلىق مەزگىلىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %20.4 ئېشىپ، 884 مىليارد 4 مىليون 260 لىراغا يەتكەن.

مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە نەزەر سېلىنغىنىدا، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، زەنجىرسىمان ھەجىم ئىندېكسى سۈپىتىدە تېرىقچىلىق ساھەسىنىڭ قوشۇمچە قىممىتى %1.5، سانائەت ساھەسىنىڭ %4.3، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ بولسا، %0.8 ئاشقان.

سودا، قاتناش، مېھمانساراي ۋە يېمەك – ئىچمەك خىزمىتى پائالىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ھاسىل بولغان خىزمەتلەر ساھەسىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىمۇ %8 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر