«ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالىدۇ»

دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق كارخانىچى جەيمىس روگېرس ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق كارخانىچى ۋە پۇل – مۇئامىلە مۇتەخەسسىسسى جەيمىس روگېرس مەبلەغ سالغۇچىلارغا تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەقىل پاراسەتلىك كىشىلەر نۆۋەتتە تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالماقتا. ئەگەر مەن كېلەچىكىم ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان بولسام، ئەلۋەتتە تۈركىيەدىن مال - مۈلۈك سېتىۋالغان بولاتتىم.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن روگېرس، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزاق مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر