خىتاي ئامېرىكانىڭ باج قارارىغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىدىن %25 باج ئېلىش قارارى يۈرگۈزۈلگەن تەقدىردە، ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئامېرىكانىڭ باج قارارىغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنى باياناتچىسى گاۋ فىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «ئامېرىكا ئېتىرازلارغا قارىماستىن خىتايغا قارشى قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويسا، بىزمۇ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

ئۇ مەزكۇر قوشۇمچە باجلار ئېلىپ كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك تەسىرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ باج سەۋەبىدىن ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىش كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ باراۋەر شەرتلەرگە تايانغان ھالدا مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتزېر ئاۋغۇست ئېيى (2018) نىڭ بېشىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا قارشى 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان %10 باجنى %25 گە چىقىرىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، ئاۋغۇست ئېيى ئاخىرىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش يوليورۇقىنى چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 23-ئاۋغۇست ئامېرىكانىڭ 16 مىليارد دوللارلىق ماللاردىن %25 باج ئېلىش قارارىغا قارشى 16 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا ماللىرىدىن %25 باج ئالىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر