ب د ت سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئېھتىياجلىق بولغان پۇلنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن جىددىي 271 مىليون دوللارغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئېھتىياجلىق بولغان پۇلنىڭ مىقدارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن جىددىي 271 مىليون دوللارغا ئېھتىياج بار ئىكەن. بۇ پۇللار سۈرىيەنىڭ ئىچىدىكى كۆچمەن بولۇپ قالغانلاردىن سىرت يەنە، تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە ئىراقتىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ جىددىي ۋە مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئەڭ كۆپ ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش پىلانلانماقتا ئىكەن.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قوشنا دۆلەتلەردە 2.6 مىليونى بالا بولۇپ، جەمئىي 5.6 مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىر ياشىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر