لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ دوللارنى جازالاش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۇل بىرلىكى دوللارنى باشقا دۆلەتلەرنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ ئامېرىكىنىڭ دوللارنى جازالاش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە بىرىنچى قانىلىدا سۆز قىلىپ، «دوللار، خەلقئارا پېرېۋوت ۋە مالىيە سىستېمىسىدۇر. بۇ توغرىمۇ؟ شۇنداق توغرا. ھەممە بۇنى قوبۇل قىلدى. ئونلارچە يىل بويىچە مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن ياشىدۇق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاساسىي تاشقى پېرېۋوت ساھىبى سۈپىتىدە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى كۈتتۈق» دېدى.

لاۋروۋ، ۋاشىنگتوننىڭ دوللاردىن باشقىلارنى جازالاش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە «(بىر دۆلەتنى جازالىماقچى بولسا) دەرھال دوللار تۈرىدىكى بارلىق بانكا مۇلازىمەتلىرىگە خاتىمە بېرىشىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنى پەقەت جازالىماقچى بولغان دۆلەتكىلا ئەمەس، بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق تەرەپلەرگە يۈرگۈزىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر