تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى كېلىشىملەر ئىمزالاندى

بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ تېلېفون – تېلېگىراف، ئۇچۇر- ئالاقە ۋە مالىيە مۇلازىمەتلىرى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى كېلىشىملەر ئىمزالاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى، تۈركىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇخسار پەكجان بىلەن ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن قاتار ئىقتىساد ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد بىن مۇھەممەد بىن جاسسىم ئەلسانى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئىمزالاندى.

تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى، مال ۋە مۇلازىمەت سودىسىدا كەڭ دائىرىلىك ئەركىنلىشىشنى نىشان قىلغان كېلىشىم ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ قىزىل رەقىمىنى تۆۋەنلىتىشىنى شۇنداقلا قاتارنىڭ مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ تېلېفون تېلېگىراف، ئۇچۇر- ئالاقە ۋە مالىيە مۇلازىمەتلىرى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر