ئالبايراق: سودا مەركەزلىرى ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ دوللارغا ئىجارىگە بېرىلىشى ۋە سېتىلىشى چەكلىنىدۇ

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دوللارنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى ئىشەنچىلىكلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئالبايراق: سودا مەركەزلىرى ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ دوللارغا ئىجارىگە بېرىلىشى ۋە سېتىلىشى چەكلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئالبايراق، فىرانسىيەدىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندا سۆز قىلىپ، سودا مەركەزلىرى ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ دوللارغا ئىجارىگە بېرىلىشى ۋە سېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ ھەقتە لايىھەنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئىشتىن ساۋاق ئالغانلىقلىرىنى، بۇنىڭغا كۈچلۈك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشنىڭ پۇرسىتى، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئالبايراق، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇلىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بارلىق قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى، قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلەرنى، بەلگىلىمە ئۆزگەرتىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.

ئۇ، دوللارنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى ئىشەنچلىك پۇل بولۇش ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى دۆلەتلەر بىلەن سېلىنما توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئالبايراق، «تۈركىيە پويىزىنى كەتكۈزۈپ قويغانلار زىيان تارتىدۇ» دېدى.

ئالبايراق، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە ھەمنەپەس بولىدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىسادى ئالتۇن تۇغىدىغان تۇخۇغا ئوخشايدۇ؛ ھېچكىمنىڭ ئۇنى بۇغۇزلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر