100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى

100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

ئۆتكەن ھەپتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى باسقۇچنىڭ 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى قەدەمدە قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، مىنىستىرلىقلار، باشقارمىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ئىجرائىيە پىلانىدا، ئىقتىساد ئەڭ مۇھىم ساھەلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھازىرچە 400 لايىھەگە ئورۇن بېرىلگەن پىلاننىڭ ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا يېڭى تۈركىيەنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەرىكەت پىلانى ئارقىلىق ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاندىن ئىلگىرى يېڭى بىر يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىش پايدىلىق بولسا كېرەك.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىنى خامچوت بەلگىلىمىسىگە سەزگۈر قاراش شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، پىلاندا ئورۇن ئالغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا دۆلەت مالىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ بۇ تونۇشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىشى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم بولغان دۆلەت مالىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، پائال سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.

يېقىنقى مەزگىللەردە، مالىيەگە ئېرىشىش جەھەتتە كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلار، ئىقتىسادنى تېجەشنىڭ قانچىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. سېلىنمىلار، دائىمىي مۇۋازىنەت، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئىقتىسادنى تېجەش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىش پايدىلىق بولسا كېرەك. بولۇپمۇ، مەسىلە ئىقتىسادنى تېجەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ تاشقى مالىيە ئېھتىياجىنى ئازايتىش ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

پىلاندا ئورۇن ئالغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنى بۇ مۇساپىدە روياپقا چىقىرىلىدىغان 400 لايىھە – قۇرۇلۇش تەشكىل قىلىدۇ. 400 لايىھەنىڭ 48 ىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەدىكى كۈچىنى بەلگىلەيدىغان بۇ ساھەدە تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە پاراللېل ھالدا خىزمەتلەر ئىشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيە، ھەم گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنىڭ تەقەززاسى ھەم ئىقتىسادقا قوشىدىغان كۈچى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بىر ساھە بولغان مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ دائىرىدە، ھەم يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەم خەلقئارا سەھنىدە رىقابەت قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، لازېر نۇرلۇق قورال سىستېمىسىنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغىچە، قوراللىق ھۈرقۇش ئايروپىلانىدىن تارتىپ تۈركسات 6ئا سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ياساپ چىقىلىشىغىچە بولغان ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بىردىن كۆپ لايىھەنى 100 كۈنلۈك ئىجرائىيە پىلانلىرى قاتارىغا ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مالىيە  ۋە تاشقى سودىدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە 4 يېڭى بازارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈش لازىم. خىتاي، مېكسىكا، رۇسىيە ۋە ھىندىستان بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتتا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ سايىدا، تاشقى مالىيە ئېھتىياجىنىڭ تەمىن ئىتىلىشىدە مەنبە كۆپ خىللىقى يارىتىپ، كۆرۈلگۈسى خەۋپلەرنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش كۆزلەنمەكتە.

سىرتتىن قەرز ئېلىش مەسىلىسىدە بولسا، خىتاي پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى نۇقتىلىق ھالدا يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە. خىتاي پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىغا بۇ يەردىكى يەرلىك قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركەتلىرىنىڭ باھالىرىغا ئاساسەن كىرىلىدىغان بولۇشى، تۈركىيەنى خەلقئارا دۆلەتلەرنىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركەتلىرىنىڭ ئوبيېكتىپلىقتىن يىراق باھالىرىدىنمۇ قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ.

بۇ يەردە، بۇنىڭدىن باشقا 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانىدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولغان ئېنېرگىيە توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركىزىي دۆلەت بولۇش يولىدا تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى – تاناب ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى دېگەندەك غايەت زور قۇرۇلۇشلارغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق تاشلىغان قەدەملىرىدىن كېيىن، نۆۋەتتە ئاقدېڭىزدا 1 چوڭقۇر دېڭىز ۋە بىر تېيىز دېڭىز بۇرغىلاش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى پىلانلانماقتا.

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە دىنامىكىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان ئىمكانىيەت ۋە كۈچكە ئىگە بولغان تۈركىيە، مەيلى ئۆز ساھەسىدە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن، مەيلى رايون ئېنېرگىيەسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلاردا بولسۇن، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييار بىر دۆلەتتۇر.

بىز يۇقىرىدا قىسقىچە نەزەر تاشلاپ ئۆتكەن بۇ 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى، ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاندىن ئىلگىرى ئىقتىسادقا سۇنغان يول خەرىتىسى ۋە قىلغان ئىشارەتلىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر