خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىش ئالدىدا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتتىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ 16 مىليارد دوللارلىق ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ 23-ئاۋغۇستتا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپنىڭ «تېخنىكا ئوغرىلاش بىلەن ئادالەتسىز سودا بەلگىلىمىلىرى» سەۋەبىدىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇماتلار جەزملەشتى.

ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىلىكى 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ %25 باج ئېلىنىدىغان 16 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتىن موتور يېغى، ئېتىلېن، كوروسېئال، ئاكرىلىك كىسلاتا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق 279 خىل مەھسۇلار ئورۇن ئالدى.

خىتاي مۇداپىئە، ئاۋىياتسىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى نىشان قىلغان تاموژنا بېجىنىڭ 7-ئىيۇلدا ئىجرا قىلىنغان بىرىنچى باسقۇچىدا، يادرو رېئاكتورلىرى، گاز تۇربىنىسى، ھاۋا ۋە گاز سۇيۇقلاندۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى، توك دۇخاپكىلىرى ۋە چىنە-قاچا يۇيۇش ماشىنىلىرى قاتارلىق 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 818 مەھسۇلات بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر