تېھران رۇسىيەنى ئىرانغا قارشى ئامېرىكىغا ماسلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ھۇسەيىن كازىمپۇر ئەردەبىلى، رۇسىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى.

تېھران رۇسىيەنى ئىرانغا قارشى ئامېرىكىغا ماسلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردەبىلى، رۇسىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش قارارىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسىغا ھەمدەم بولماقتا» دېدى.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردەبىلى، بۇ شەكىلدە رۇسىيەنىڭ دۇنيا نېفىت قىسقارتىش كېلىشىمىگە زىت ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «رۇسىيە چىقارغان بۇ قارار، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ» دېگەن.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا پايدىلىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىگە «دۈشمەنلەرچە» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر