ئوتتۇرا شەرقتە ئورنىتىلالمىغان نېفىت مۇۋازىنىتى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتە ئورنىتىلالمىغان نېفىت مۇۋازىنىتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1021039
ئوتتۇرا شەرقتە ئورنىتىلالمىغان نېفىت مۇۋازىنىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتە ئورنىتىلالمىغان نېفىت مۇۋازىنىتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئوتتۇرا شەرق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولغان نېفىت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، دۇنيا سىياسىتىگىمۇ سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كەلمەكتە. دەرۋەقە ترامپ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بىلەن تەڭ سايلام دولقۇنى ئەسناسىدا ۋەدە قىلغان ئىشلىرىنى بىر – بىرلەپ  ئورۇنداشقا باشلىدى. ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىدىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەرگە ترامپنىڭ ئىراننى يالغۇزلاشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش سىياسەتلىرى قوشۇلۇپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرۈۋەتتى. مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى دۇنيا سىياسىتىنى ئىقتىساد ۋە تاشقى سىياسەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ترامپنىڭ سايلام دولقۇنى ئەسناسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئورۇنداشقا باشلىشى، رايوندا ئەسلىدىنلا بولمىغان مۇقىملىقنى تېخىمۇ ھالسىراتتى. قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن يالغۇزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆز ئىچىدىكى تەخت تالىشىش جېدەللىرى بىلەن باشلانغان مۇساپىگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى ئەگەشتى. ئاخىرىدا ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارى ۋە ئىراندا يېقىنقى ئايلاردا كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتقان كوچىلاردىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنىڭ قىيىنلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر.

رايوندىكى كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرگە ھامىلە بولغان ئىراننىڭ پۇل بىرلىكى ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئېمبارگولار تۈپەيلى قىممىتىنى يوقىتىپ قويماقتا. ھالبۇكى، يادرو كېلىشىمى ياراتقان ئىجابىي كەيپىيات بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى سەرمايە ئىرانغا پۇرسەت بەرگەنىدى. بولۇپمۇ ئاۋىياتسىيە ۋە ئاپتوموبىل ساھەسىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەبلەغ سېلىنغانىدى. ئىران ئىقتىسادى ئۆزى ئېرىشكەن قوللاش سايىسىدا 2016 – يىلى %6 ئاشقانىدى. ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلىنىشقا باشلىغان بۇ مۇساپىدە ئەپسۇسكى، ترامپنىڭ تاشقى سىياسىتىگە دۇچ كەلگەن بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پېترو-دوللارنىڭ كاپالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ھەم دۆلەت ئىچى تەڭپۇڭلۇقنى قايتىدىن ئورنىتىشقا ھەم ترامپقا ئوتتۇرا شەرقتە قانچىلىك نوپۇزغا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە ئورۇنۇپ كېلىۋاتاتتى. پادىشاھ سەلمان بىر تەرەپتە، شاھ ئائىلىسى ئەزالىرى ۋە بىيۇروكراتىيە سېپىدە ئارقا – ئارقىدىن تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتە، ئىران قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قاتار دۆلەتلەر بىلەن سەلبىي سىياسىي دىيالوگنىڭ بىر پارچىسى بولماقتا ئىدى. نېفىتنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىدىغان ھەرقانداق بىر ۋەقەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېھرىدە كۈلكە پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىق نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، بايان قىلىنغان بارلىق قالايمىقانچىلىقلاردىن نەپ ئالغان تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان بولدى.

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئايىغى چىقماس سۈركىلىشى، رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇۋازىنەت سىياسىتى يۈرگۈزۈشىگە سەۋەب بولماقتا. ترامپ دائىرىلىرىنىڭ ئىرانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ياراملىق بىر ئىتتىپاقداشقا ئايلاندۇرماقتا. ترامپ دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتلىرىدا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىدى. ئىتتىپاقداشلىرىغا باشقا بىر نېفىت ئىمپورتچىسى دۆلەتنى تەۋسىيە قىلىشتىنمۇ تارتىنمىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن نېفىت باھالىرىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىتنى ئۇنىڭدىن ئىمپورت قىلىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر تولىمۇ تەبىئىي ھالەتتە نېفىت باھاسىنى ئۆسۈشكە قىستىدى. 80 دوللارغا يېقىنلاشقان نېفىت باھاسى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قىزىل رەقەم بېسىمى پەيدا قىلماقتا. تۈركىيەگە ئوخشاش ئېنېرگىيە ئىمپورتچىسى دۆلەتلەر ئۈچۈن، ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مۇساپىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقى، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ترامپنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ – شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى قىزىقىش قوزغىماقتا. ترامپ نىڭ «تارىخنىڭ ئەڭ ناچار كېلىشىمى» دەپ باھا بەرگەن نافتا كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىمزالاپ – ئىمزالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، پالاتا سايلاملىرىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ترامپ دائىرىلىرىنىڭ قورۇقچى سودا سىياسەتلىرىگە قانچىلىك بېرىلگەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە ترامپنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئاسانلا باش ئىگىدىغانلىقىنى ئويلاش توغرا بولمىسا كېرەك.

ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ترامپ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك نېفىت قارارىنى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگە يۈرگۈزۈشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسا، بۇ سىياسەت نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش رېكورتىنى بۇزۇشى، دۇنياۋى ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر