ئۆزبېكىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تاشلىدى

رۇسىيە مەملىكەتلىك يادرو ئېلېكتىر ئورگىنى – روسئاتوم تەرىپىدىن سېلىنىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2028 – يىلىغىچە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزبېكىستان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، روسئاتوم بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا قۇرۇپ چىقىلىدىغان تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2028 – يىلىغىچە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا «رۇسىيەنىڭ روسئاتوم مەملىكەتلىك شىركىتى بىلەن يادرو ئىستانسىسىنىڭ سېلىنىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدىغان ئىستانسىنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى 1200 مېگاۋات ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر ۋە زامانىۋى بۆلەكلەردىن تەشكىل تاپىدىغان يادرو ئىستانسىسىنىڭ 2028 – يىلىغىچە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر