ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي  ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى ۋاكالەت ئورنى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 18 – ئىيۇن كۈنى چۈشۈرگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن تەيييارلانغان % 10 قوشۇمچە باج ئېلىنىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي  ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 5 مىڭ مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىككە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن تەنتەربىيە پەلەيلىرىگىچە، تەبىئىي ۋە خىمىيەلىك مىنېراللاردىن كۆكتات ۋە مېۋە – چىۋىلەرگىچە، تاماكا بۇيۇملىرىدىن ئاپتوموبىل بالونىغىچە نۇرغۇن مەھسۇلاتلار كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سودا دۇنياسى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا سۇنۇلغان تىزىملىك 60 كۈن ئىچىدە ئايدىڭلىشىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆزئارا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر